قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3783|ئىنكاس: 74

تارىم: ئۇيغۇرلارنىڭ 2014-يىلى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

17

دوست

4040

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 14:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ 2014-يىلى
ئوسمان ئىسمايىل تارىم
(ئاپتور شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى)

1a (1).jpg

تارىخنىڭ چاقى توختىماي چۆگىلەپ، 2014-يىلىنىمۇ ئۇزىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز بۇ بىر يىللىق سەپىرىمىزنى قايتا ئەسكە ئالغىنىمىزدا، ھەم ئۆكۈنۈش، ھەم سۆيۈنۈش ھېس قىلىمىز. ئۆكۈنۈش دېگەندە، توختىماي يۈز بەرگەن تىرورلۇق ۋەقەلىرى، قىسمەن جايلاردا نادانلىق – قاششاقلىقنىڭ قايتا باش كۆتۈرىشى، بىرقىسىم جىنايەتچىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىزچىل ئوغرىلىق ۋە زەھەر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە قارا سۈرىتىشى قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىمىز. بۇ ئەھۋال بىزنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئېچىندۇرىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلايدىغان، ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خوشاللىنارلىق ئەھۋاللارمۇ بارلىققا كەلدى. بىز بۇ ھالەتتىن ئىختىيارسىز سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز.
        مېنىڭچە، 2014-يىلى بىزگە ئۈمۇت ئېلىپ كەلگەن ئىشلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. بىرقىسىم مۇتەپپەككۈرلىرىمىز كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى يېڭىلاش ھەركىتىنى ئېلىپ باردى. «ئىدىيە، ئىرادە، پوزىتسىيە، ئۇسسۇل ھەممىنى بەلگىلەيدۇ.» مانا بۇ 2014-يىلى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە قارشى ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ ھەركىتىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان كۆزقاراش. بۇ خىل كۆزقاراشنى بىرقىسىم تالانتلىق مۇتەپپەككۇرلىرىمىز ئومۇملاشتۇردى. جۈملىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى، زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئەلى قۇربان قاتارلىقلار ھەرقايسى جايلاردا نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق بۈگۈنكى زامانىۋى جەمىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە قۇدرەت تېپىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئەھمىيەتلىك ياشاشنىڭ، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنىڭ ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈردى. مۇتەپپەككۇرلىرىمىزنىڭ بۇ نۇتۇق ۋە ماقالىلىرى نەچچە مىڭ كىشىگە تەسىر كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتتى ياكى يېڭىلىدى، ئۇلارغا ئىلھام ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.

2.كارخانىچىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەت تاپتى. بۇ ھال 2014- يىلىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا سودا-تىجارەت يۈزلىنىشى نۇقتىسىدا تۇرۇپ چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتىرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار مەخسۇس كارخانا خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان  ھەرخىل مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ۋە سالۇنلارنى تەشكىللەپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا زامانىۋى كارخانا بىلىملىرى ئارقىلىق ئۆز كارخانىلىرىنى قايتىدىن رەتكە سالدى، مۇنتىزىملاشتۇردى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى ۋە قۇدرەت تاپقۇزدى.

3. ھەممىلا يەردە ساخاۋەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. 2014-يىلى ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك كەينى-كەينىدىن باش كۆتىرىپ چىقتى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقانلار يۈزمىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇلار ھەممىلا جايدا ماسلىشىپ ھەركەت قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قولىنى سوزماقتا. «دۇنيا ئىللىقلىق بىلەن گۈزەل.»  مانا بۇ ئۇلارنىڭ شۇئارى ۋە ھەركەت قىبلىنامىسى. ھازىر ساخاۋەتچىلىك ئىشلىرى ھەممە كىشىنىڭ خالىس ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلىنىپ، جەمىيىتىمىزنى مېھرىبانلىققا تولدۇردى.

4. چەتئەللەردە ئوقۇغان  ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىلىم- پەن تەتقىقاتىدا نەتىجە يارىتىپ، ۋەتىنىمىزگە شان-شۆھرەت ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللار ئىچىدە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۇلارنىڭ قەدىمى دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا يېتىپ باردى. 2014-يىلى زۇلپقار بارات ئۆزباش،  ئابدۇخېۋىر مۇھەممەت قاتارلىق بىرتۈركۈم ئىقتىدارلىق ياشلىرىمىز چەتئەلدىكى ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە  قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەبىي پەن ساھەسىدىكى يەنە بىر تۈركۈم ئوغلانلىرىمىز ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەند قىلماقتا.  ئۇلار 2014-يىلى خەلقئارا ئىلىم سەھنىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ   قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. بۇ ھال مەملىكىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇردى.

1a (2).jpg


5. ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، ئەدىپلىرى ۋە تەنھەركەتچىلىرى ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ بىر يىل ئىچىدە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، جېجىياڭ سۈنئىي ھەمرا تېلىۋىزىيىسى ۋە ۋە شاڭخەي تېلىۋىزىيە ئستانسىسىنىڭ «پارلاق يول»، «ئۆسمۈرلەر»، «جوڭگۇدىكى خۇش ئاۋاز»،«جوڭگۇ ياخشى ئۇسۇلى»،«جوڭگۇ ئارزۇسى»، «جوڭگۇ چۈشى ئاۋازى» قاتارلىق پىروگىراممىلىرىدا گۈلمىرە، گۈزەل، پەرھاد، ئىلھام، ئۈمىد، ئەكرەم، مۇنىسە، سۈرئەت، ئىرپان قاتارلىق نەچچە ئون ياش-ئۆسمۈر ئۆزلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ يىل مەملىكىتىمىزنىڭ «خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» ئۇيغۇر يازغۇچىسى پاتىگۈلگە بېرىلدى. پاتىگۈلنىڭ خەنزۇ تىلىدا يازغان ئەسەرلىرى مەملىكىتىمىزدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى مەپتۇن قىلغاچقا، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۇ بىرنەچچە خىل مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ يىل يەنە تەنھەركەت ساھەسىدىنمۇ خوش-خەۋەر كەلدى: شەندوڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ  خەلقئارالىق پۇتپول مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى چىمپىيون بولدى؛ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك «مەكتەپ ئىچى پۇتپول مۇسابىقىسى»دە، قەشقەردىن بارغان ئەزىمەتلىرىمىز بىرىنچىلىكككە، ئۇرۇمچى 5-باشلانغۇچ كوماندىسى ئىككىنچىلىكككە ئېرىشتى؛ بوكسيورچى ئىرشات ئەنۋەر ۋۇخەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا كەسپى بوكىس مۇسابىقىسى»دە 79 كىلوگىراملىقلار بويىچە چىمپىيون بولدى…ۋاھاكازا.

6. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئېنگىلىز تىلى مۇسابىقىلىرىدە كارامىتىنى كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى خېلى يىللاردىن بېرى ئېنگىلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىدە شەرەپ قازىنىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ يىل ئۇلار يەنە بىر قېتىم زەپەر قۇچتى: ئالدى بىلەن نۇرئەلى ئېنگىلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدا مول مەزمۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەپ، مەملىكىتىمىز ياشلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، ئارقىدىنلا مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2014-يىللىق «ئۈمىد لوڭقىسى ئېنگىلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى»نىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە مىركامىل ئەركىن بىرىنچى، تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە تۇغلۇق تۇرسۇن بىرىنچى بولدى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىن ئونىۋېرسال ساپاسىنى سىناش مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىدە  باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ئەۋزەل شاۋكەت بىرىنچى بولدى. شىنجاڭدىن ئىبارەت چەتئەل تىلى شارائىتى ئىنتايىن  ناچار رايوندىن بارغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېنگىلىز تىلى سەۋىيىسى كىشىلەرنى تاڭ قالدۇردى.

3a.jpg


7. قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتاپى مەملىكەت بويىچە قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ كىتاپتا شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتقان 100دىن ئارتۇق شەخسنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، كىتاپتا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ھاياجانغا سالدى. شۇ سەۋەپتىن بۇ كىتاپ ھەققىدە نەچچە ئون مىڭ كىشى مۇلاھىزە ئېلىپ باردى، 100مىڭ پارچە كىتاپنىڭ ھەممىسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا سېتىلىپ بولدى.

8. خەلقىمىز دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. يېقىنقى يىللاردا چەتئەلدە پەيدا بولغان دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە  رايونىمىزغا تارقىلىپ كىرىپ، بىرقىسىم كىشىلەرنى ئېغىر زەھەرلىگەن ئىدى. نەتىجىدە يات دىندىكىلەرنى چەتكە قاقىدىغان ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان، پەننى مائارىپ ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتكە قارشى تۇرىدىغان،  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرىنىدىغان، كىشىلىك ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان قەبىھ ئىدىيە يامراپ كەتكەن ئىدى. روشەنكى بۇ خىل ئىدىيەگە يول قويۇشقا بولمايتتى. شۇڭا 2013-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، بىرقىسىم قەلبى ئويغاق زىيالىلىرىمىز ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، مىللەتكە مەسئۇل بولۇش يۈكسەكلىگىدە تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا باشلىدى. 2014-يىلىغا كەلگەندە بۇ سەپكە قوشۇلغان زىيالىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇلار گېزىت- ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش ۋە ھەرخىل مۇنبەرلەردە نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرىنى بەس-بەستە كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا بىرقىسىم دىنىي ئۆلىمالىرىمىز «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەرنى ئاساس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ ئىسلام دىنىنى بۇرمىلايدىغان بىدئەت ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى روھىغا قارشى، ئىناق-ئىتتىپاقلىقققا قارشى، تېنچ-ئامانلىققا قارشى، ئىلىم- پەنگە قارشى، تەرەققىياتقا قارشى، مەدەنىيەتكە قارشى، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى  چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. نەتىجىدە ئەسەبىي ئىدىيىدىكىلەر باغانسېرى يېتىم قالدى. بىز ئۇنى 2014-يىلى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن چوڭ نەتىجە دىمەي تۇرالمايمىز.

      يوقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ بىر يىلدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇش بولدى، ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە زامانغا لايىق ئىدىيە ۋە ئىرادە تۇرغۇزۇش ھەركىتى قانات يايدى، مائارىپ ۋە كارخانىدىن ئىبارەت ئىككى كەسىپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگۈلەيدىغان تۈۋرۈك كەسپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تونۇش تېخىممۇ كۈچەيدى، ساخاۋەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت ئىللىق كەيپىياتقا تولدى، سەنئەت ۋە تەنھەركەت ماھىرلىرى ئۆز كارامەتلىرىنى نامايەند قىلدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئېنگىلىز تىلى مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا شەرەپ قۇچتى.
     بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ھاياجانلاندۇردى، سۆيۈندۈردى، خوشال قىلدى. چۈنكى بۇلار    نەچچە يىلدىن بۇيان بىرقىسىم تىرورچى، ئوغرى ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى خۇنۇكلەشتۇرىۋەتكەن ئوبرازىمىزنى ياخشىلىدى. ھازىر پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنيا خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ جوڭخۇا چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىللە تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. قەلبىمىزدە ئۇمىد چىرىقى ياندى. 2014-يىلى بىزگە ئويلۇنۇش پۇرسىتى، ئىزدىنىش پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلدى. بىز 2015-يىلى داۋاملىق تۈردە مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەيمىز!
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2014-يىل 25-دىكابىر سانىدا ئېلان قىلىنغان.


18

تېما

17

دوست

4040

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22212
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1302
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 14:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلار سەمىگە: بۇ ماقالىنى ئوسمان ئىسمايىل تارىم مۇئەللىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن كەمىنە ئەلسۆيەر مۇنبەرگە يوللىدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1552

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27394
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ھالدا كەلگۈسىمدىن ئۈمىدىم زور مېنىڭ !

0

تېما

0

دوست

1393

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32932
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ئىختىسات كاساتلاشقان بىر يىل بولدى،جۇڭگودىكى ئىختىساتنىڭ چۈشىشى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى.شۇ سەۋەپتىنمۇ  دەۋىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن  بۇرۇنقىغا قارىغاندا بۇ يىل كۆپرەك بىلىم ئىگەللەشنى،تېخىمۇ تىرىشىپ ئىگلىك تىكلەشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ،مىنىڭچە بۇنىمۇ يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.

بۇرۇنلاردا ئىچكىردە بىر قىسىم يانچۇقچىلار ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆككەن بولسا ئەمدى يەنە شۇ بىر قىسىم ئەسەبىي تىرورچىلار ھە دەپ ۋەقە سادىر قىلىپ پۈتۈن جەمىيەتتە مالمانچىلىق كەلتۈردى،مۇقۇملۇق خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ،ئىختىساتقا ئىتىبار بىرىلمەي خەلق تەس كۈنگە قالغىلۋاتىدۇ.

13

تېما

1

دوست

4291

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1480
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:30:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەسقەرجان، ياخشى تېما يوللاپسىز، ئوسمان مۇئەللىم بەزى جەھەتلەردە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ يازغان بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئوبيېكتىپ خۇلاسىلەپتۇ، مېنىڭچە بۇ  يالغۇز خۇلاسىلەشلا بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى قۇربىمىز يېتىدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىمۇ بېشارەت بېرىپتۇ. ئوسمان مۇئەللىمنىڭ ۋە سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

1

تېما

1

دوست

1419

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11476
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 92
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:50:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9.مەملىكەتنىڭ باشقا يىرىدە شۇنداق ئوينالدىمۇ يوق ئۇنى بىلمىدىم. ئالما ئۇسۇلىنىڭ نىملىكىنى بىلدى.....

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32957
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 15:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atlanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-25 15:24
بۇ يىل ئىختىسات كاساتلاشقان بىر يىل بولدى،جۇڭگودىكى ئ ...

ۋەتەن سۆيەر ئىنىمىز ئابدۇلخەبىر مۇھەممەت دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەدىكى(كەلپىن) بارلىق قېرىنداشلار سىزدىن پەخىرلىنىمىز.......  

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32591
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:00:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلخەبىر سىزدىكى ۋەتەن سۆيەر، يۇرىت سۆيەر خەلق سۆيەر روھىڭىز بىزنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. تىنىڭىزگە سالامەت تىلەيمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )