روژدېستۋا بايرىمىدىكى خوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرى
بىلىمخۇمار 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
ھەر يىلى 25-دىكابىر كۈنى ئامېرىكىدا روژدېستۋا بايرىمى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنى كەم دېگەندە 2 كۈن بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدۇ. بۇ بايرام كۈنىگە بىر قانچە ھەپتە قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىغا ھەر خىل رەڭدىكى چىراغلارنى ئېسىپ، ھەمدە ئۆيلىرىنىڭ ئالدا ھويلىسىغا تۆمۈردىن ياسالغان ۋە چىراق ئېسىلغان جەرەنلەرنى قويۇپ، ئويىنىڭ ئالدىنى ناھايىتى چىرايلىق پەردازلايدۇ.چىراقنى ئەڭ كۆپ ئاسىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدە 3000 دىن 5000 غىچە چىراق ئاسىدىغانلارمۇ بار. بىز تۇرىۋاتقان شەھەرنىڭ بىر كوچىسىدىكى ھەممە ئائىلىلەر ئاشۇنداق كۆپ چىراغلارنى ئېسىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنى چىراق بىلەن قالىق ياساپ تۇتاشتۇرۇپ، بىر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئاشۇ كوچىغا ماشىنا ھەيدەپ بېرىپ، ھېلىقى چىراقلارنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈپ كېتىدۇ. بىز ئۇ كوچىغا بۇ يىل تېخى بېرىپ بولالمىدۇق. بەزى ئۆيلەر يالغۇز چىراق ئېسىپلا قالماستىن، ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىر قانچە ئېلېكترونلۇق كانايلارنى ئېسىپ، ، روژدېستۋا بايرىمىنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ قويۇپ قويىدۇ. شۇڭا كوچىلاردا مۇزىكا ئاڭلاپ ماڭىسىز. چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرىمۇ بىنانىڭ كارىدورلىرىنىڭ ئىچىگە چىراق ئېسىلغان قارىغاي دەرەخلىرىنى ئورنىتىپ، ھەمدە رەڭگە-رەڭ چىراغلارنى ئېسىپ، بىر خىل گۈزەل مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دىكابىر ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرى بىر خىل بايرام تۈسىگە كىرىدۇ.چىراق ئاسقان ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خرىستىئان بولۇشى ناتايىن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر پەقەت بايرام مۇناسىۋىتى بىلەنلا ئۆيلىرىگە چىراق ئاسىدۇ.
مەن ئۈلۈشكۈن، يەنى 22-دىكابىر كۈنى، ئايالىم بىلەن چېقىنىش ئۈچۈن مەھەللىمىزدىكى ئائىلىكلەر كوچىسىدا يول ماڭغىلى چىققاندا رەسىم ئاپاراتىمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆيلىرىنى چىراغلار بىلەن ناھايىتى چىرايلىق پەردازلىغان ئۆيلەرنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى. مېنىڭ بۇ رەسىملەرنى چىقىرىپ قويۇشىمدىكى مەقسىتىم پەقەت تورداشلارنى «دۇنيادا مۇنداق ئىشلارمۇ بار » دېگەن بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشتىنلا ئىبارەت.
مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىغا ئارقا ھويلىمىزدىكى گۈللەرنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ قويغاندا، بەزى قېرىنداشلار مەندىن «ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەملەرنىڭ ئاشۇنداق ئۆيلىرى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. 2014-يىلىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھازىر 67 پىرسەنت نوپۇسنىڭ شەخسىي ئۆيلىرى بار بولۇپ، قالغان 33 پىرسەنت نوپۇس ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 43 پىرسەنتى داچا ئۆيلەر بولۇپ، قالغانلىرى بىنا ئۆيلەر ۋە يۆتكەلمە ئۆيلەر (mobile houses) ئىكەن [1].
تۆۋەندىكىسى بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ئاخشاملىق كۆرۈنىشلىرى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
[1] Quick Facts: Resident Demographics
http://www.nmhc.org/Content.aspx?id=4708
|