- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11112
- نادىر
- 0
- يازما
- 526
ئۆسۈش
  2.78%
|
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 17:09 
''ئۇيغۇر''دېگەن بۇنام كۆكتۈرك قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇچراي ...
قاراخانىلار بۇددا دىنىدىن يېنىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ، خاقانلىق تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتاشقا باشلىغان، «ئۇيغۇر»لۇق ئېڭى بارا-بارا «دىنىي كىملىك»ىگە ئورۇن بەرگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا بولسا يەنىلا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىنغاچ، ئۆزلىرىنى داۋاملىق «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن. كېيىنچە ئىسلام دىنى ئىدىقۇت دىيارىغىمۇ تارقىلىپ، بۇ ياقلاردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتاشقا باشلىغان.. (بۇ مەزمۇنلار يانپاشتىن ئېلىنمىدى، بەلكى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دىۋانىدىن ئېلىندى) شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر نامى بارا-بارا ئىشلىتىلمەس بولغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىزلەرنىڭ پىدائىيلارچە پەنگە يۈرۈش قىلغان زىيالىيلىرىمىز ئۇيغۇر نامىنى قايتا تېپىپ كېلىپ، شۇ قەۋمنىڭ ھەق مىراسى بولمىش بىزلەرگە قايتا ئىشلەتكۈزگەن.
يىغىنچاقلىساق، «ئۇيغۇر» نامىنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشىدە ئاللىقانداق سۈيقەستلەر بار دېيىلسىمۇ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن مىس موچەنلىك ئالاقىلىس يوق ئەمەس. بەلكى بىۋاسىتە قانداشلىرى.
|
|