- تىزىملاتقان
- 2012-8-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4496
- نادىر
- 0
- يازما
- 254
ئۆسۈش
  83.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghojia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-26 10:07
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ سودىگەرلەرنى چەتئەلدىكى مەبلىغىنى روسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش چاقىرىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، روسىيەدىكى بىرىنچى باي ئەلشىر ئوسمانوۋ (Alisher Usmanov) تېلگىراف شىركىتى Megafon ۋە تۆمۈر كان تېشى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Metalloinvest دىكى پايچېكىنى چەتئەلدىن روسىيەدىكى شىركىتىگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
http://www.nur.cn/news/2014/12/200040.shtml
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 26-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە مالىيە مىنىستىرى سىلوئارانوف (Si Lou Aranoff) ئالدىنقى كۈنى (25-چىسلا) مۇنداق دەپ جاكارلىدى، رۇبلى ئوبروتى 25-چىسلا ئۈچ يىلدىن بۇرۇنقى ئەڭ مۇقىم ھالغا يەتتى، دېمەك رۇبلى كىرزىسى ئاخىرلاشتى.
سىلوئارانوف مۇنداق دېدى:"رۇبلى ئوبروتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى، پۇل پاخاللىشىشى قاتارلىقلار، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۆتۈپ كەتتى." ئامېرىكا "ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى" 25-چىسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۆتكەن بەش ئالماشتۇرۇش كۈنىدە رۇبلىنىڭ ئوبروت نىسبىتى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، بىراق بۇ يىل روسىيىدە پۇل پاخاللىقى %10 دىن ئېشىپ كەتتى. يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-چىسلا ھۆكۈمەت خىزمەت يىغىنىغا قاتناشقان ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ رۇبلى ئوبروتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
http://www.nur.cn/news/2014/12/200698.shtml
|
|