ھەممەيلەنگە مەلۇم بولۇشى مۇمكىن، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى بۇلاقتاغدىكى ئارشاڭ يېڭى مەكتەپ رايۇنىغا ئوڭۇشلۇق كۆچتى. مەكتەپنىڭ ئىنىق ئادرىسى بولسا : بۇلاقتاغ رايۇنى گۈەنيىڭ يولى 100- نومۇر . بۇ مەكتەپ رايۇنىغا جەمئىي 12 ئېنىستىتۇت ، 20خىل كەسپتىكى 8000ئارتۇق ئوقوغۇچى،ھەم كۆپلىگەن ئارقا سەپ خىزمەتچىلىرى كىلىپ ئورۇنلاشتى.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ، بىز بۇيەرگە كەلسەك ، بۇ يەردە ئاممىۋى قاتناش شېركىتىنىڭ تولۇق مۇساپىلىك بىرمۇ ئاپتۇبۇس لېنىيەسى يوق بولۇپ پەقەت كىچىك تىپتىكى رايۇن ماشىنىسى (مىنۇبوس) قاتنايدىكەن ، قاتناش لېنىيەسى بولسا تەڭرىتاغ كەسپى تېخنىكا ئېنىستىتۇتىدىن بۇلاقتاغ كەنتىگىچە بولغان قىسقىغىنە مۇساپە . بولاقتاغ كەنتىدە 34-،8-يول ئاپتۇبوسلىرى بولسىمۇ ئۇلار تەڭرىتاغ ئېنىستىتۇتى تەرەپكە قاتنىمايدۇ . بولۇپمۇ 34- يول ئاپتۇبۇسىنىڭ بىكەت تاختىسىغا ئاخىرقى بېكەت تەڭرىتاغ ئېنىستىتۇتى دەپ يىزىلغان بولسىمۇ ، لىكىن قاتنىمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىز رايۇن ماشىنىسىغا چۈشۈپ ئالاھىزەل 5مىنۇت ئىچىدە بۇلاقتاغ كەنتى بېكىتىگە يېتىپ بارىمىز ، شۇ كىچىككىنە يول بۆلۈكىگە 1 سوم تۆلەيمىز ئاندىن بۇلاقتاغ كەنتىدىن يەنە ئاپتۇبوس ئالمىشىمىز . بىز كەلگەندىن كىيىن بۇ مىنۇبوسلار پەقەت يېتىشمىدى . شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى 34- ھەم 8- يول ئاپتۇبوسلىرى ئۇ تەرەپكە قوشۇمچە قاتنايدۇ . لىكىن قاتنىغان بىلەن بۇلاقتاغ كەنتىگە كەلگەندە يەنە توخىتىۋالىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئاپتۇبۇس ئالمىشىشقا توغرا كېلىدۇ ، ناھايىتى 2 كىلومىتىر كېلىدىغان ئورۇنغا 1سوم ئارتۇق تۆلەيمىز . بەلكىم بۇرۇن بۇ يول بۆلىكىدە ماڭىدىغان ئادەم ئاز بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما 8000 دىن ئارتۇق ئادەم كىلىپ ئورۇنلاشقاندىن كىيىن بۇنىڭدىن كىيىن يولۇچى مىقتارى ئاز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، ھەم تەڭرىتاغ ئىنىستىتۇنىڭ ئۆزىدىلا 7000دىن ئارتۇق ئوقوغۇچى بار .شۇڭا شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش شېركىتىنىڭ 8-34-يول ئاپتۇبوسلىرىنىڭ يول لېنىيەلىرىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى سورايمىز .
بۇ رەسىم رايۇن ماشىنىسىنىڭ(مىنۇبوس) يول لېنىيەسى، 2 كېلۇمىتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ .
|