2014 -يىلى ياز كۇنلىرىنىڭ بىرى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇڭخې دوختۇرخانىسى بىلەن بىڭتۇەن ئالدىدىكى كوچىدا ئاككومولياتۇر سېتىۋېلىش ئۇچۇن يولنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى دۇكانلارنى ئارىلاپ بىر تونۇشۇم دوختۇرخانا ئالدىدىن 150 مىتىر ماڭسىڭىز بىر توپ تارقىتىش دۇكان بار دەپ تىلپۇن قىپتۇ .مەن شۇ يول بىلەن ئالدىراش كىتىپ بارىمەن ؛
ۋۇي ئاكا ،ئالدىراش مېڭىپ قاپلىغۇ سىلى ئالىدىغان نەرسە بىزدە بار،دەپ پىشىمنى تارتتى .مەن خىيالى ماڭغاچقىمۇ چۆچۈپ يېنىمغا قارىسام چىرايى خېلىلاقورۇلغان ئاچام دىمەتلىك قارىغا مايىل ئوتتۇرا بوي ئۇرۇق قېنىق گىرىم قىلغان ئوتتۇراياشلىق بىر ئايال ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.مەن :سىز مىنىڭ مىنىڭ نىمە ئالىدىغىنىمنى نەدىن بىلىسىز ؟ۋۇي ئاكا بىلىمەن،مانا مەندە بار . مەن شۇ كوڭۇل ئاچمايمىزمۇ ...؟
مىنىڭ غەزەپتىن مۇشتلىرىم تۇگۇلدى ۋىجدانىمدىن سورىسام ، بۇ ئايالنى ئايرىم يەرگەئاپىرىپ مانا ماڭا ساڭا لازىمى ،شۇ سەنمۇ بىر ئۇيغۇرمۇ دىگىم بار ئىدى ،ئەپسۇس ئامال يوق .مەن ئاچچىق كۇلگىنىمچە كۇڭۇل ئاچسام بۇلاما نەدە ئاچىمىز ؟نەدە بۇلاتتى مانا مىھمانخانا ئالدىمىزدا ئالدىمىزدا دىگىنىچە قارشى تەرەپتىكى بىرئالى مىھمانخانىنى كۆرسەتتى .بۇلۇدۇ خانقىز قانچە بەسەم بۇلا ؟ۋاي قانچە بولماقچى كوپ ئەمەس 100 يۇەن قانداق دىسىڭىز شۇنداق ئوينىۋالىسىز؟سىز رازى بۇلۇپ مەندىن ئايرىيالماي قالارسىزمىكى مەن دىگەن قىزدەك تېخى ۋاھ .ما گەپنى كۇرۇڭ ،شۇ قېرى ئەپتى بىلەن قىزمىش ،تېخى ۋاي ھالىڭغا لەنىتى دىدىم ئىچىمدە.ماڭ قاراڭ خانقىز مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس مەن مۇسۇلمان بولمىساممۇ بىر ۋىجدانى بارئۇيغۇر خوش!
بۇ ئايالنىڭ ئەپتىدىن تەربىيە بىرىشىم بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىش ئىدى .شۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىدە بېشىم قايغاندەك بولدى .چۇنكى بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بۇ قىلمىشى ماڭا ئەلەم بولغان ئىدى .نېرىدا 4-5 ئايال شۇ تەرىقىدە خېرىدار چاقىرىۋاتماقتا ئاھ؛؛خۇدا مۇشۇمۇ ئۇيغۇرمۇ مۇشۇمۇ مۇشۇمۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ۋەسەللەمنىڭ ئۇممىتىمۇ.مەن سودامنى قىلماي بۇ ئىشنى تەكشۇرمەك بۇلۇپ ئارقامغا ياندىم .
ئەييۇھەنناس!مەن باشتا كەلگەن كوچىغا كىلىپ كوزۇم ئالا چەكمەن بۇلۇپ كەتتى .كۇزۇمنى چاپاق باسمىغاندۇ دەپ ئۇۋىلاپمۇ باقتىم .ساق ماڭدامدا بىر دىگەندەك بۇقا بىلەن ئىنەكنىڭ دارىلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار، ئۇۋۋىلاش ئورنى ،پۇت يۇيۇش ئورنى ،ساتراشخانا مەن بىر ساتراشخانىغا كىردىم .بىر قانچە خەن ئايال ئولتۇرۇپتۇ ، لەي -لەي تاماشا لودۇڭ دەپلا ئۇيەر بۇ يېرىمنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى .ئورۇلۇپلا ،يا ئاللا شۇكرى ئۇۈۈ؛ بەدىنىم شۇنداق تىترەۋاتاتتى . توختا بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنمەن .يانا ئازراق پايلاي ئارىلاپ يەنە بىر دۇكانغا كىردىم .بۇ يەردىمۇ بىر ئۇيغۇر 60 ياشتا بار،قوشقا ماڭمىغان توپاققادارا ئېلىۋاتقان بۇلۇپ مىنىڭدىن سەل خىجىل بولغاندەك قىلاتتى .كەينىمگەيېنىپ يانا بىر دۇكانغا كىردىم بۇ يەردە بىر ياش بۇقا بىلەن ئىنەكنىڭ ھۇنىرى تەسۋىرلەنگەن دۋدپىلاستىنكا سودىسى قىلىۋاتقان ئىدى.
توختا بۇ ئىشنى چۇقۇم پاش قىلىش كىرەك مەن ئۇياق بۇياققا قاراپ ساقچى ئىزدەۋاتقاندا بىر ئۇيغۇر ساقچىغا كۇزۇم چۇشتى،ئەسسالام ئۇكام سىزگە ئىنكاس قىلىدىغان ئىش بار سىز مۇشۇ يەرگە مەسئۇلمۇ ھەئە! نىمە ئىش؟بۇ كوچىدا بۇزۇقچىلىق بەك ئېغىر ئىكەن تۇزۇگىلى بۇلامۇ ؛؛خاپا بولماڭ بۇ ئىشقا مەن ئارىلىشالمايمەن ھەممىسىنىڭ قانۇلۇق كىنىشكىسى بار.مەن ھەسرەت بىلەن ساقچىنىڭ كەينىدىن قاراپلا قالدىم. قېرىنداشلىرىم ھەيرانمەن.
تاساددىبىي تەكشۇرۇش جەريانىدا شۇنى بىلدىمكى ،بىزنىڭ شەھەردە پاھىشە كىنىشكىسى ،تور بەتلەردە ساقچىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنغان شەھۋانى جىنايەتلەركۇندە دىگۇدەك كۆزگە چېلىقىدۇ .ئەجەبا شۇ ئىچكىرى بىلەن بۇيەرنىڭ قانۇنى ئوخشىمامدۇ ياكى ھاكىمىيىتى باشقىمۇ ؟ بىزنىڭ ساقچىلىرىمىز دىيارىمىزدا شۇنداق يامانكى ھەتتا ئاپشاركا ئىتمۇ ئۇلاردەك بۇرنى ئىتتىك ئەمەس ، زەھەرلىك چىكىملىك دىسە بىرتال قوناقچىلىك نەرسىنىمۇ يوشۇرۇپ ماڭسا تۇتۇۋالىدۇ . لىكىن ئاشكارا سورۇندىكى بۇزۇقچىلىقنى ئومۇمى جەمىيەت ۋە دانا پارتىيە تۇگۇتۇشكە تەقەززا بۇلۇۋاقان شۇ پىسەندىلەرگە نىمىشقا پىچىغى كەسمەيدۇ ؟ كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ ئىشنى تۇرلۇك قانۇنى ۋاستە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە دائىرىسىدە بىر مۇسۇلمانلىق بۇرچى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرلۇق بۇرچى بىلەن تەل -تۇكۇس تۇگۇتۇشكە كۇچ چىقىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىەن، قېرىنداشلىرىم سىلەردىن ئوتۇنەي ئەجدادىمىزدىن قالغان پاك تۇپراقنى ئەۋلادىمىزغا شالتاق قىلىپ تاشلاپ بەرمەيلى!تارىخى ساۋاقلاردا كەتكەنلەرنىڭ ئار نومۇسىنى يۇماقتا يوق بىر ئاپەتنى نەۋرىلىرىمىزگە قالدۇرۇپ كەتمەيلى .ئەۋلادىمىز بىزدىن پەخىرلەنسۇن.نومۇس قىلمىسۇن كەلگۇسىنىڭ بۇگۇنى بىزنىڭ قۇلىمىزدا بولسا نەۋرىلىرىمىزنىڭقەرزى بىزنىڭ گەردىىنىزدە .
ئاخىرىدا سورايدىغىنىم باغداشنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئامانلىقى ئۇچۇن پارتىيىنىڭ نىزامىغا زىت ئىنكاس يازمىساق. چۇنكى ياخشى رەھبەر يۇقۇرى توۋەندە كوپ ناھايىتى بەزىبىر شەخسىيەتچى رەھبەرگە ئېسىلىۋېلىپ يامان تەسىر پەيدا قىلمىساق ،مۇشۇنداق نادىر تورنىڭ بۇلۇشى بىز ئۇيغۇرلانىڭ پەخرى.
|