- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4310
- نادىر
- 6
- يازما
- 126
ئۆسۈش
77%
|
يوقسۇلنىڭ سوئالىغا جاۋاپ: دەرۋەقە بۇ شۇئارنىڭ مۇشۇنداق تومتاق ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇشى ۋە تومتاق چۈشەندۈرۈلۈشى كىشىنى قايمۇقتۇرماي قالمايدۇ . بۇ ئەسلى خېلى كەڭ ھەجىملىك بىر ماقالە يېزىپ شەرھلەيدىغان تېمىكەن، شۇنداقتىمۇ مەن ئۆز قارىشىمنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتەي. بۇنىڭدا مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇقۇملىرىغا ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1.« ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت» مەسىلىسى. بىلگىنىمىزدەك، دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولىدۇ. مېنىڭ چۈشۈنۈشۈمدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى يادرو قىلغان، تارىختىن بۇيان شىمالدىكى كۆچمەن مىللەتلەر ۋە كەڭ مەنىدىكى «غەربىي يۇرت »نىڭ ، يەنى شىنجاڭنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، غەربىي ئاسىيا ۋە يۇنان-رىمنى ئۆزئىچىگە ئالغان غەربنىڭ ، شۇنداقلا يېقىنقى زاماندا ياپونىيەنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلغان بىر مەدەنىيەت. بۇ مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كورىيە، ياپونىيە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە كۈچلۈكرەك، قاشقۇۋۇقنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىدىكى مىللەتلەرگە ئاجىزراق تەسىر كۆرسىتىپ، شۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىگەن. شۇ جۈملىدىن بىزمۇ تارىخىتىن بۇيان بۇنداق تەسىردىن خالىي بولالمىغان. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بولسا يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن تېرىم مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن شامان، مانى، بۇددا دىنلىرىنى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئىسلام دىنىنى تۈۋرۈك قىلغان، تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى ئۇلى ئاساسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، ھىندى مەدەنىيىتى، ئەرەپ-پارىس مەدەنىيىتى ۋە يۇنان-رىم مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن مەدەنىيەت. بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ «ناچىرىنى شاللىۋېتىپ ياخشىسىنى قۇبۇل قىلىش» تەك ئىلغارلىق خاراكتېرى تارىختىن بويان تەرەققىياتىمىزغا تۈرتكە بولغان ۋە بىزنى تارىخنىڭ تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلىرىدا ھازىرغىچە ئۇلاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا ، بۇ جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ باشقا ھېچقانداق مەدەنىيەتتىن قېلىشقۇچىلىكى يوق ،ھەتتا يۇقىرىقىدەك خاراكتېرى بىلەن نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرگە قارىغاندا ئەۋزەللىككە ئىگە.
2. «زامانىۋى مەدەنىيەت » مەسىلىسى. ئالدى بىلەن بۇنىڭدىكى «زامانىۋى » دېگەن سۆزنى ھازىرقى زامانىمىزغا قارىتا ئېيتىلغان دېگەن تەقدىردە، ئۇنداقتا، ھازىر دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىگە ئايلىنىۋاتقان زامانىۋى مەدەنىيەت شۈبھىسىزكى خىرىستىيان دىنىنى تىرەك قىلغان ، ئەقلىيلىكنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيىدىغان غەرپ مەدەنىيىتى دېسەك خاتا بولمايدۇ. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زامانىۋى مەدەنىيەت دەل ئۇزاق مەزگىل بېكىنمىچىلىكتە تۇرۇپ ، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئامىللىرىنى تارىختىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ كۆپلەپ قۇبۇل قىلغان، ئەمما يەنە ماركىسىزىم ئىدىيەسى بىلەن كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسىنى ئىدىيەۋى جەھەتتىكى قالقان قىلىپ، ئۆز خاسلىقىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان مەدەنىيەتنى كۆرسىتىدۇ. ۋەھالەنكى، ھازىر بۇنداق بىرلەشتۈرۈشنىڭ كەمتۈكلۈكلىرى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىپ، بۇ قالقاننىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىزلاۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىرىزىسلەر كېلىپ چىقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ كىرىزىس ئېتىقاد كىرىزىسى بولۇۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا جۇڭگودىكى «زامانىۋى مەدەنىيەت »كىرىزىسكە پېتىپ قېلىۋاتقان ھالەتتە ئايان بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بىزگە نىسبەتەن «زامانىۋى مەدەنىيەت » ھازىرقى مەۋجۇت رىئاللىقىمىزدا، تۈرلۈك ۋاسىتە-يوللار بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان (ھەتتا خېلى تەسىر كۆرسىتىپمۇ بولغان) يۇقىرىقى كىرىزىسكە يۈزلىنىۋاتقان مەدەنىيەت، غەرپ مەدەنىيىتى ۋە 2-قېتىم دولقۇن قوزغاۋاتقان غەربىي ئاسىيا مەدەنىيىتگە قانداق يۈزلىنىش، يەنى مەلۇم بىرىگە يۈزلىنىش كېرەكمۇ ، ياكى ھەممىسىگە يۈزلىنىش كېرەكمۇ ۋەياكى ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم بۇيىچە ئۇلاردىن مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق بولغان ئېلىمىنتلارنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەكمۇ،دېگەن مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىرقى شارائىتىمىزدا نېمىنى قۇبۇل قىلىپ نېمىنى قۇبۇل قىلماسلىقنى يەككە شەخىس نۇقتىسىدىن قارار قىلالىغىنىمىز بىلەن، ئۇمۇمىي مىللەت سۈپىتىدە قارارقىلمىقىمىز تەس بولۇۋاتىدۇ.
3. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرۈش مەسىلىسى. بۇ گەپ مۇنداق قارىماققا ئورۇنلۇق گەپ بولۇپ، ھەرقانداق مەدەنىيەت زامانغا ماسلىشىپ ماڭالمىسا ھامان قالاق مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمما بۇيەردىكى ھالقىلىق مەسىلە دەل قانداق مەدەنىيەتنى زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ قاراش ۋە ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشتۇر. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق بىر مىللەت ياكى دۆلەت ئۆز مەدەنىيىتىنى زاماننىڭ كەينىدە قالدى دېمەيدۇ، شۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئۆز مەدەنىيىتى ئۇلارنى تەرەققىياتقا باشلىيالىسىلا بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئىلغار ۋە زامانغا ماسلاشقان مەدەنىيەت بولىدۇ. ھەتتا بەلكى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ پىنھان ياشاۋاتقان ، بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئىپتىدائىي دەپ قارىلىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى ئىلغار ، زامانغا لايىق دەپ قارىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئىكەن، دۇنيا نۇپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى مەيلى ئۇ قانداق ئەھۋالدا بولسۇن زامانىۋى مەدەنىيەت دەپ ئاتىشى ۋە ئومۇملاشتۇرماقچى بولۇشى تەبىئىي. ئەلۋەتتە بۇنىڭ كەينىدە قانداق مۇددىئانىڭ بارلىقى قېرىنداشلارغا ئايان بولسا كېرەك. ئۇنداقتا ، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاشۇ تارىختىن بۇيان تۆت چوڭ مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى يۇغۇرۇپ ئۇنى ئۆز تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان، زاماننىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆزى بىلەن قىسمەتداش ، تەقدىرداش بولغان باشقا مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش يوقىلىپ كەتمەي، سىڭشىپ كەتمەي، ئۆزگىرىپ كەتمەي ھېلىھەم ئۆز ئىگىلىرىنى دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرغۇزۇۋاتقان ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىلەن تارىختىن بۇيان باشقا مەدەنىيەتلەرگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، مىسالى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مودىغا ئايلانغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز زاماننىڭ كەينىدە قالدىمۇ؟ئەھۋال زىنھار ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، ناۋادا مەدەنىيىتىمىزگە كەڭ ، ئەركىن ھەم باراۋەر تەرەققىيات بوشلۇقى بېرىلسە، يەنىلا تارىختىكى شۆھرىتىنى نامايان قىلالىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن مەدەنىيىتىمىزدىكى بەزى نۇقسانلارنى ، تۈزىتىشكە ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىك تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، مېنىڭچە بىز دەل مۇشۇنداق تەرەپلەردە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ پايدىللىق ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىشقا مۇھتاج. ئەمما ئېسىل مىللىي مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلىش ، ۋەيران قىلىش ھېسابىغا ئۇنى قانداقتۇر كىرىزىسكە پاتقان «زامانىۋى مەدەنىيەت» كە يۈزلەندۈرۈش ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
خۇلاسە قىلغاندا، تارىختىن بۇيانقى ساۋاقلار شۇنى بىلدۈرىدۇكى، مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۈزلىنىشى ، ئۆتۈشۈشى، تەسىرلىشىشىدە ، تەبىئىي تاللاشنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمى زورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن ئىش كۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىدىن زوردەرىجىدە ئۈستۈن تۇرغان . مەن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى زامانىۋىلىشىشىقا يۈزلەندۈرۈشتە ئاقىلانە يول تۇتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. |
|