- تىزىملاتقان
- 2012-11-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1029
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  2.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مۇنداق ئىككى ئىشنى سوراي دېگەنتىم،يەنى ئىككى شەخىسىمىزنى،ھېچقانداق مۇناسۋىتى يوق،لىكىن ئىىزدىنىپ جاۋابىنى تاپالمىدىم،شۇڭا بىلىدىغانلاردىن بىلىۋالاي دەپ باغداشقا يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بىرىنجىسى:مۇھىتىلار جەمەتىنىڭ چوڭى بولغان مۇسۇل مۇھىتىنىڭ قەبرىسى توغرۇلۇق.مۇسۇل مۇھىتىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تەرجىمھالىنى دېمەسەممۇ نۇرغۇن تورداشلار بىلىدۇ،بىلمەيدىغانلار مۇھىتىلار جەمەتى دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.مۇسۇل مۇھىتىنىڭ قەبرىسىنى ياپونىيەدە دەپ كۆردۈم،قايسى يىرىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس،مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بېيجىڭدا،لىكىن قايسى يىرىدە ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس.بولسا مۇشۇ ئىككى قەبرىنىڭ تەپسىلى ئورنى توغرۇلۇق بىلىدىغانلار بولسا بىلىدىغىنىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
ئىككىنجى شەخىس:سىرلىق كارۋان،يول باشلىغۇچى،مەمەت ھەققىدە پاراڭ،يىتىم قىزنىڭ مۇھەببەتى قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان،رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان،يول باشلىغۇچىدا كىچىك ۋاقتىدىكى رولنى ئالغان،سىرلىق كارۋان ۋە يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتىدە فىردەۋىس ئەزىزى بىلەن بىرگە رولغا چىققان شۆھرەتكام،ئېكران سەنئىتى پروگراممىسىدىمۇ سۆزلەنمىدى،ھازىر ھېچقانداق كىنولاردىمۇ يوق،چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنمۇ ياكى ۋاپات بولغانمۇ بۇنى بىلمىدىم،بىلىدىغانلار بولسا بىر جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار.
|
-
مۇسۇل مۇھىتىنىڭ ياپونىيەدىكى قەبرىسى
-
سىرلىق كارۋان رسىمى،ئوتتۇرىدىكى فىردەۋىسكامنىڭ يېنىد ...
|