- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14690
- نادىر
- 19
- يازما
- 599
ئۆسۈش
  11.73%
|
يۇقىرىدىكى يازمامدا بەزى ئىشلارنى ئېنىق يازماپتىمەن. بۇ يەردە قىسقىچە تولۇقلاپ قوياي:
كالىفورنىيەدە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىدىغان ئىسنىڭ بەزى پارامېتىرلىرى ھەققىدە ئۆلچەم بار بولۇپ، ئەگەر ئاشۇ ئۆلچەم قانائەتلەندۇرۇلسىلا ماشىنىنى ئىشلىتىشتىن توسمايدۇ. يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئىدارىگە ھەيدەپ كەلگەن، ھەمدە ئادەتتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ھەيدەپ تۇرىدىغان ماشىنىلار بولۇپ، ئامېرىكىدا ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى بۇنداق كورگەزمىلەرگە قويغۇزمايدۇ. بىز مۇشۇ رەسىملەردىكىدەك ماشىنىلارنى يوللاردا، ھەتتا تېز سۈرئەتلىك يوللاردىمۇ ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.
ئامېرىكىدا بىر شتاتنىڭ قاتناش قانۇنى بىلەن يەنە بىر شتاتنىڭ قاتناش قانۇنى ئوخشىمايدۇ. يەنى قاتناش قانۇنى جەھەتتە ئامېرىكىدىكى 50 شتات 50 دۆلەتكە ئوخشايدۇ.
|
|