جۇڭگودا زور كۆلەملىك مائاش ئۆسمەيدۇ بوزقىر تەرجىمىسى
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى سانائەت-ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى 15-دېكابىر ئېلان قىلغان « جۇڭگونىڭ سانائەت تەرەققىياتى دوكلاتى 2014 » دە كۆرسىتىلىشىچە ، جۇڭگونىڭ مائاش سەۋىيىسى ئۆتكەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا زور كۆلەملىك ئۆسۈپ ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئوتتۇرچە مائاشى جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە ئاسىيا ئەللىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىپ ، ئەمگەك كۈچى تەنەرقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن : نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى ئاستا بولىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىش ھەققى جەھەتتە ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك ئېشىش بولمايدۇ.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن : ئىقتىسادنىڭ يۇقۇرى سۈرئەتتە ئېشىشى ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ۋە ياش ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق ئۇنۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسى ئۆتكەنكى 10 نەچچە يىلدا زور كۆلەملىك ئۆسكەن.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى ، كارخانىلارنىڭ تاپاۋىتىدىمۇ پەسلەش كۆرۈلدى ، ئىقتىساد بۇرۇلۇش تىپىدىكى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش بېسىمىغا دۇچ كەلدى . بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى تارايتپ ، ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئازلىتىۋەتتى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن : « ئۇنۋېرسال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ، كارخانىلار تىجارىتىنىڭ نەتىجىسى ، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى ۋە ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىش ھەققىگە كۆرسەتكەن تەسىرى نەتىجىسىدە جۇڭگونىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسىدە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئالدىنقى يىللاردىكىدەك زور كۆلەملىك ئېشىش بولمىسىمۇ ئەمما ، يۇقۇرى ساپالىق ئەمگەك كۈچى مەنبەلىرىنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيىسى يەنىلا نىسبەتەن زور كۆلەملىك ئېشىشنى ساقلايدۇ » .
http://news.ifeng.com/a/20141216/42728510_0.shtml
|