- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3248
- نادىر
- 0
- يازما
- 122
ئۆسۈش
  41.6%
|
ئۆتكەندە مىسرانىم مۇنبىرىدە كۆردۈمغۇ دەيمەن . بىر قىز توردېشىمىز ئاتالمىش نەچچە يۈز مىڭ يۈەن موكاپاتقا ئىرىشكەنلىك توغرۇلۇق كەلگەن ساختا قىسقا ئۇچۇرغا ئىشنىپ كىتىپ ئۈچ قېتىمدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالمىش رەسمىيەت ھەققى تۆلەپ قويلۇپ كەتكەن توغرۇلۇق تىما يوللاپ تورداشلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپتىكەن . تىمىسىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ تېخى توي قىلمىدىم مۇقىم كىرمىم يوق خىزمەت كۈتۈپ تۇرۋاتقان ئىدىم دەپ يېزىپتىكەن . بىر توردىشىمىز ؛ مەن قاسساپلىق قىلىمەن ئايلىق كىرمىم 5مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ ئەمما 10يۈەن خەجلىمەكچى بولسام مۇشۇ 10يۈەن زادى خەجلەشكە تىگىشلىكمۇ دىگەن سۇئالنى كاللامغا ئەكلىپ تۇرۇپ ئاندىن خەجلەيمەن . سىزدىن سوراپ باقسام سىڭلىم سىزنىڭ بۇ 40مىڭ يۈەن پۇلىڭىز قەيەردىن كەلگەن ، سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز ياكى ئاشۇ 40 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ سورغىنى قىلدىغان تۇققانلىرڭىز يوقمۇ ؟ دىگەندەك سۇئال قويۇپ تىمىنى خېلى تىترتىپ قويغان ئىدى ، شۇ تىمىنى ئوقۇپ مەنمۇ ھەيران قالغان ئىدىم . جاھاننىڭ بەزى ئىشلىرىغا توۋا دىمەي ئامال يوق جىمۇ ؟ |
|