- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35297
- نادىر
- 19
- يازما
- 1761
ئۆسۈش
  63.24%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 13:08
nigaran يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 22:59 
قۇمۇلدا بۇنداق ئىشلار راستىنلا كۆپ ئوخشايدۇ . مەنمۇ تۇ ...
گېپىڭىزدىن قارىغاندا سىز قومۇلغا كېلىن ئوخشايسىز. ئاستا-ئاستا قومۇلنى چۈشۈنۈپ قالىسىز. قومۇلمۇ باشقا يۇرتلارغا ئوخشاش چوڭچىلار، ئىسراپخورلار ۋە يەنە نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بىلەن تولغان يۇرت.
ئوخشىمايدىغان تەرپى ئۇزۇن يىل بىكىنمە مۇھىتتا ياشاپ ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىتتا قومۇللۇقلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرى يارالغان. قومۇللۇقلار ھەددىدىن زىيادە كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئايايدۇ، بەك ئاقكۆڭۈل، ساددا، مېھماندوست...
ئۇلار بىر مۇھىتتا، ئوخشاش شارائىتتا ئۇزاق مەزگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ئۆز ئارا باراۋەر بولغان تۇرمۇش شەكلىدە ياشاپ كەلگەن. شۇڭا بىر بىرى بىلەن بەسلىشىشنى ئۇنچە بەك خالاپ كەتمەيدۇ. بىراق، كىشىلەردىن ئارقىدا قېلىشنىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ. دەل مانا مۇشۇنداق خارەكتىر قومۇللۇقلارنىڭ ھەر بىر ئىش ھەركەتلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ھەشەملەشكەن توي-تۆكۈنلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. |
|