مەرسىيە
(جۇغراپىيە ئالىمى خەمىت ھېمىتنىڭ ۋاپاتىغا )
ئابدۇۋەلى ھۈسەيىن
كۆزۈمدە ئاچچىق ياش، يۈرىكىمدە قان، چىرايىم سارغايدى ھازاڭنى تۇتۇپ. بەك ئېغىر مۇسىبەت سالدىڭ بېشىمغا، يۈرمىگەي ھېچكىممۇ قارامنى ئۇشتۇپ.
سەن ئىدىڭ ياش، يىتۈك ئۇيغۇر ئالىمى، تارىمدىن يول ئالغان توكيو، سېدنىغا. لوندۇن ھەم بېرلىندا ياڭرىغان نۇتقىڭ، تونۇتقان ئۇيغۇرنى پۈتۈن جاھانغا.
مېھرىڭدىن نۇر ئېلىپ كۈلگەن غۇنچىلار، ھەجەپمۇ ياراشقان يۇرتۇم بېغىغا. كۈنۈ ـ تۈن مۈكچىيىپ ياراتقان تۆھپەڭ، چۈمكىگەن بويۇڭنى ھۆرمەت تونىغا.
ھاياتلىق ئەلبومىڭ پۈتكەنمۇ زەردىن ؟ «بىرىنچى»، «تۇنجى»دىن قاماشتى كۆزۈم. نىمانچە ئامراقسەن جاپا تارتىشقا؟ ئەجرىڭنى كۈيلىسەم يەتمىدى سۆزۈم.
ئېسىڭدىن چىقمىدى پارىژ، رىمدىمۇ، سۆيۈملۈك يۇرتىڭنىڭ ھەر تۈپ گىياسى. سۇ ئىچىپ ياشنىسۇن دېدىڭ تارىمنى، بولدى ئۇ ئۆمرىڭنىڭ گۈلدىباغ قىياسى!
ئارزۇيۇڭ يولىدا تۆككەن تەرلىرىڭ، بۇ ئانا زىمىنغا سىڭدى شەبنەمدەك. تارىمنىڭ قۇمىغا دۈملەنگەن روھىڭ، تەڭرىتاغ باغرىغا تارىدى نۇردەك.
ھەر كىمنىڭ ھاياتلىق ئىستىكى باشقا، نادانغا ئەۋزىلى قورساقنىڭ غېمى. سەن لېكىن قويمىدىڭ ئۆزۈڭنى ئويلاپ، قەلبىڭدىن جاي ئالغاچ ئەل ـ يۇرتنىڭ غېمى.
شۇڭلاشقا مۇڭلىنىپ ئېرتىش دەرياسى، بۇغدا ھەم سايرامغا كەتتى قوشۇلۇپ. ۋاپاتىڭ ئەزدىغۇ مىڭلاپ يۈرەكنى، ئەل ئوغلى قانداقمۇ كەتسۇن ئۇنتۇلۇپ؟
بوپ قالدى ئۆمۈرلۈك ئىپتىخار ـ پەخرىم، ئەي خەمىت سەن بىلەن ساۋاقداشلىقىم. جاپالىق يىللاردا تۇتۇشۇپ تەڭ قول، ئىلىمگە يول ئالغان سەپەرداشلىقىم.
كىم سېنى ئۆلدى دەر مىڭلاپ قەلبتە، جەڭگىۋار ئوبرازىڭ تۇرسا نۇرلىنىپ. خاتىرجەم ئۇخلىغىن ئەۋلادلار چوقۇم، ئىزىڭدىن بارىدۇ نامىڭ ياد ئېتىپ !
|