ئالدانمىغىن ياشلىقلىرىڭغا
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئالدانمىغىن ياشلىقلىرىڭغا ، ئاساۋ ئاتتەك شاشلىقلىرىڭغا . تۈگەيدۇ شۇ شوخلۇقمۇ ئويناپ ، قروۋ ئۈنسە قاشلىقلىرىڭغا .
ئازما ئىنسان گۈلنى كۆرۈپلا ، ئازما يەنە چۆلنى كۆرۈپلا . گۈل ھەم چۆلدىن تۈگەشمەس ھايات ، كەتمىگەندە قوياش ئۆچۈپلا .
ئۇچۇرغاندا سېنى بىر ھازا ، تەلەيلىرىڭ ئەللەيلەپ راسا . كۆنگىنىڭدە ئەللەيلىگەنگە ، شىجائىتىڭ بولىدۇ قازا .
داداڭ ھاردى نەسىھەت قىلىپ ، ئاناڭ ھاردى مەدەتلەر بېرىپ . ئۆلۈك بىلەن ئوخشاشتۇر كىشى ، گەر تۇرمىسا پات - پات سىلكىنىپ .
ئۆكۈنسەڭمۇ ئۆتكەن كۈنۈڭگە ، رازى بولغىن كۈلگەنلىرىڭگە . چىقىپ قالسا مەيلىغۇ يانتاق ، پالتا چاپما ئۈنگەن گۈلۈڭگە .
ئۈمىد بىلەن كەلگەندە جاپا ، بىھاجەتتۇر يۈرۈشمۇ خاپا . تېرىشقانغا كېلەر نىسىۋە ، خۇشاللىقىڭ چاچقاندا سادا .
بەل باغلىغىن نىشانلىرىڭغا ، ئۇ بوي بەرمەس قىيانلىرىڭغا . بەلنى يەشمەس بولسا گەر كىشى ، يىتىش تەسمۇ پىلانلىرىڭغا ؟
ئۈگەنگەننىڭ ياشلىقى ياشلىق ، ئۈگەنگەننىڭ شاشلىقى شاشلىق . بىلىم ئالغان ياشلىق قەدىرلىك ، دۇنيا شۇنداق ياشقا قاراشلىق .
ئالدانمىغىن ياشلىقلىرىڭغا ، گۈزەل قارا چاچلىقلىرىڭغا . ۋاپا قىلماي سۆلەت ھەم راھەت ، يىغلايسەن شۇ كاجلىقلىرىڭغا .
2014-12-14
تىيەنجىن
|