- تىزىملاتقان
- 2014-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 167
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
55.67%
|
مەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىلى 20 يىل بولۇپ قالدى. 20 يىلدىن بېرى ئوقۇتۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇيىل مەكتىپىمىزگە باشلانغۇچ بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن ئۈچ سان، ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋاندىن يەتتە سان بېرىپتىكەن. پۈتۈن شەرتلىرىم توشۇپ باشلانغۇچ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋاننىڭ بىر سانى ماڭا بېرىلگەن، مەن خۇشال بولۇپ، ئۇنۋان جەدۋەللىرىنى ئېلىپ، تولدۇرۇپ بولغاندا، مەكتەپ ئۇنۋان گۇرۇپپىسىدىكى رەھبەرلەر مېنىڭ <<دائىملىق تەربىيە گۇۋاھنامەم>> نىڭ ئۇنۋان باھالاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇيىل ئۇنۋان بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرسەم، ئۇنۋان باھالاشنىڭ بىرىنچى شەرتى :<<4- قېتىملىق دائىملىق تەربىيىنى 2013- يىلى تاماملىغان بولۇش، ياكى 5- قېتىملىق دائىملىق تەربىيىگە قاتناشقان بولۇش >> كەن. مەن 4- قېتىملىق دائىملىق تەربىيلەش گۇۋاھنامىسىنى 2011- يىلى ئۆز يېنىمدىن پۇل تۆلەپ ئوقۇپ ئالغان. يازلىق تەتىلدە 5- قېتىملىق دائىملىق تەربىيىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قومۇل دارىلمۇئەللىمىنگە چىقسام، بىزنىڭ مەكتەپتىن يوللاپ بەرگەن تىزىملىك، مائارىپ ئىدارىسىدىكى شۇ ئىشقا مەسئۇل خادىمنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، قومۇل دارىلمۇئەللىمىننىڭ دائىملىق تەربىيىگە مەسئۇل ئىشخانىسىغا يوللانمىغاچقا، بىر كۈن شۇ يەردە ئولتۇرۇپمۇ ‹‹ تىزىملىكىڭىز يوق، سىنىپلار توشۇپ بولدى، ئامال يوق›› دېگەن جاۋابنى ئېلىپ، ھەل قىلالماي قايتىپ كەلگەن.
2013- يىلى 4- قېتىملىق دائىملىق تەربىيىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارغا كەلسەك، ئۇلار مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتى››نى تەكشۈرگەندە، ‹‹مەكتەپلەردە دائىملىق تەربىيىگە قاتناشمىغان بىرمۇ ئوقۇتقۇچى بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا ‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتى› تەكشۈرۈشتىن ئۆتمەيدۇ›› دىگەن سىياسەتنىڭ مەجبورلىشى بىلەن، ھەقسىز دائىملىق تەربىيىگە قاتناشقان، ئاساسەن چوڭ ياشلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن.
ئۇنۋان باھالاشقا قويۇلغان مۇشۇ شەرت بىلەن مەنلا ئەمەس، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تەر تۆكۈپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز، پىشقەدەم سىنىپ مەسئۇللىرىمىز ئۇنۋان ئالالماي، زىيان تارتتى. ئوۋالچىلىق ھېس قىلدى.
ئىدىيىمىزدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، 4-قېتىملىق دائىملىق تەربىيە مۇددىتى يېڭىلا ئاخىرلىشىپ، 5- قېتىملىق دائىملىق تەربىيە ئەمدىلا باشلاندى. مەيلى بالدۇر ئوقۇسۇن، كېيىن ئوقۇسۇن 4- قېتىملىق دائىملىق تەربىيە گۇۋاھنامىسى ئالغان بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارىشى كېرەك .
مەيلى 2011- يىلى ئالايلى، ياكى 2013- يىلى ئوقۇيلى ئوخشاشلا 4- قېتىملىق دائىملىق تەربىيلەش دائىرىسىگە كىرىدۇ، 5- قېتىملىق دائىملىق تەربىيىنى تېخى ئەمدىلا باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرگە بېرىلگەن دائىملىق تەربىيىگە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى چەكلىك. ئوقۇشنى ئارزۇ قىلساقمۇ ئوقۇيالمىدۇق.
شۇڭا بۇ سىياسەت بىزگە ئانچە ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئادىل تۈزۈلمىگەندەك بىلىنىپ، باغداش تورىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مۇشۇنداق ئىشلارغا مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ بىزگە پايدىلىق پىكىر- تەكلىپلەرنى، مەسلىھەتلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|
|