- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1287
- نادىر
- 0
- يازما
- 99
ئۆسۈش
  28.7%
|
مەنىۋىيىتىمىز قاغجىراپ كەتتى. ناخشا-ئۇسسۇل قەلبنى ئۆلتۈرۈشتە ھاراق،تاماكا، نېشە، ئاق تاماكا دېگەنلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئاۋستىرىيىلىك ئىجتىمائىيەت پەيلاسوپى كارل پوپىر «تېلۋوزۇر قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ» دېگەن. بۇ ھەقتە مەيلى غەرب، مەيلى شەرق زىيالىيلىرىدا بولسۇن، ئاساسەن بىردەك پىكىردە ــــ ئويغاق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چاكىنا ئويۇن تاماشىلارنىڭ ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتى، روھىي ۋە ئەقلىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىۋاتىدۇ.
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەمئىيىتىمىزدە كۆپ بولىۋاتىدۇ. ئەمدى شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە كەلسەك. مۇمكىن بولسا، ھەر-بىرىمىز يىل چىقىپ كەتكىچە كامىدا بىر پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ، سېتىۋالغان شۇ كىتابىمىزنى چىداپ تۇرۇپ بىرەر يېرىم ئايدا ئوقۇپ تۈگىتىۋېتەيلى.
قاينىتىلغان ئاچچىقسۇنى ھىدلاش بىلەن زۇكام ۋىرۇسلىرى ئۆلگەندەك، كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇپ تۇرغاندا ئىنسان فىترىتىگە زىت بولغان روھىي ۋىرۇسلارنىڭمۇ بارا-بارا ئۆلۈشى تەبئىي.
ھەر نەرسىنىڭ كۈشەندىسى بولىدۇ. چاشقاننىڭ كۈشەندىسى مۈشۈك بولغىنىدەك، ناخشىكەشلىك ۋە ئۇسسۇلچىلىقنىڭ كۈشەندىسى كىتابتۇر. سەھنىدە پىرقىراپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنلەرنى كۆرسەم، جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭلارنى كۆرگەندەك تۇيغۇدىن باشقىدا بولمايمەن. جىن چېپىلىپ قالغانلارنىڭمۇ جەددى جەمەتى بالايى ئاپەتتە قالسا، ئالا تاغىل پىرقىراپ، مازار پەرەس مۇرتلاردەك پىرقىرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
يىغىپ ئېيتقاندا، تېنىمىز قانغا موھتاج بولغاندەك، روھىيىتىمىز كىتابقا موھتاج. |
|