- تىزىملاتقان
- 2014-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 568
- نادىر
- 0
- يازما
- 64
ئۆسۈش
  13.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaltis تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-23 10:11
خوراپاتلىق ئىلكىدىن قوتۇلغان ئەللەر
ئىلىم-پەننىڭ كوچىدا يايرىدى تەنلەر
ئىلىم-پەنگە ئىشتاياق باغلىغان ئەللەر
ئاسمانلاردا ئۇچتىغۇ ئاشۇنداق ئەللەر
موسا جارۇللا مەمەتئېلى ئەكەلگەن پەننى
ئىشان موللا جىلىت دەپ يەكلىدى پەننى
زىيانكەشلىك قېلىپلام قوغلاپ ئۇلارنى
ھەم ئولتۇرۇپ يوقاتتى ئۇيغۇر ئوغلاننى
يەنە ئاقلاپ ئۈتەمدۇق نادانلارنىڭ يولىنى
چىكىدۇردى ئۇيغۇرنىڭ تەرەقىيات ئولنى
يەنە ماڭساق شۇ يولدا خاراپ بولار ئۇلمىز
ئىلىم -پەنگە ماڭساق بىز روناق تاپار ئىلمىز
لەيلەپ كېلىپ جاھاندىن
بىزنى تاپقان خوراپات
ئەخمەقلەرنىڭ خوينى
بىزگە تاڭغان خوراپات
گالۋاڭ كۆرۇپ ئۇيغۇرنى
باش قويدۇرغان خوراپات
نادانلارنىڭ قېلقىنى
يوقتۇرۇدىكەن خوراپات
بەڭگىلەردەك خىيالنى
سۇرۇپ يورگىن سەن دەيدۇ
ئويغانماستىن مەڭگۇ
خانقادا يات دەيدۇ.
ئاتا-ئاناڭ باش تارتىسا
يىراق تورغىن سەن دەيدۇ
ئايرىمىساڭ چەك-چىگرا
ئۆخشاش بولسەن سەن دەيدۇ
كىچىك قىزنى ئالساڭ سەن
ھۆرگە ئۆخشاش قىز دەيدۇ
بالام بىلەن تەڭ دىسەم
ئەخمەق بولما سەن دەيدۇ.
ھەممە يەردىن قوغلىنىپ
بىزنى تاپقان خوراپات
|
|