بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 00:24
قىش-قىرو سوغۇق ، تومۇز ئىسسىقتا پاكىزلىق ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان تازىلىق ئىشچىلارغا ئالى ئېھتىرام ۋەئوتلۇق سالام ! بۇ شېئىرىمنى سىلەرگە بېغىشلىدىم.
تازىلىق ئىشچىسىغا مەدىھە
ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ
تۆت پەسىلدە باھارسەن تازىلىق ئىشچىسى ، ھەر كۈنلەرنىڭ سەھەرى تازىلىق ئىشچىسى. كوچا –كوينىڭ گۈلىسەن تازىلىق ئىشچىسى ، شەھەرلەرگە پەرىشتەتازىلىق ئىشچىسى.
ئۇيقۇلىرىڭ يوقالغان پاكىزلىق ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز ئوخشاشتۇر ئىخلاسىڭ ئۈچۈن. قار-يامغۇرلۇق كۈنلەردەقەيسەر جەڭچىسەن، كەسىپ ئۈچۈن جان پىدا تازىلىق ئىشچىسى.
سەن بارمىغان سەينالار بەدبۇي پۇرايدۇ، قەدەم باسقان كوچىدىن ئەنبەر تارايدۇ، تۆھپەڭ ئۇلۇغ شەھەرگە، گۈزەل ۋەتەنگە، ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنسان سەن تازىلىق ئىشچىسى.
2014-يىل 11-دېكابىر
|