بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 17:20
مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سوغوققان بولىشىنى سورايمەن. مەرھۇم ئىسھاق تاھىر ئاكىمىزنىڭ ھايات ئىش پائالىيەتلىرى نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. بۇنى قومۇل تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى ئوبدان بىلىدۇ. كىشى ھاياتىدا ئۆزىگە ۋە خەلقىگە يۈز كېلەلىسە ئاندىن كىشلىك قەدىر قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ. ئىسھاق ئاكام ئۆز قەدىرىنى تاپتى. خەلقىمۇ ئىساق ئاكامنى قەدىرلىدى، ھۆرمەتلىدى. شۇ كۈنىدىكى مېيىتتە ۋە يەرلىكتە بولسۇن ئىچىمنىڭ ھەسرەتتىن قانچىلىك ئېچىشقانلىقىنى تەسۋىرلەپ ئولتۇرۇشىمنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مەرھۇم ئىسھاق ئاكامنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەت گۈلشەنىدە بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللا ئىگەمدىن تىلەيمەن. ساقا ۋە قارادۆۋىدىن ئىسھاق ئاكامدەك ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ توختىماي يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەل ئوغلانى مەڭگۈلۈك ياشار
(يۇرتلۇقۇم، ھۆرمەتلىك ئاغام مەرھۇم ئىسھاق تاھىرغا )
-مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
كىچىكىمدىن تونۇيتتۇم سىزنى،
سىز بارچىدىن ئىگىز ئىدىڭىز.
دەپ ئويلايتتۇق دورىساق سىزنى،
بوي ھەم كاتتا بولغاچ خۇيىڭىز.
چوڭغا ھۆرمەت كىچىككە ئىززەت،
ياشاشتىكى مىزانىڭىزتى.
كۈلكىڭىزنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت،
مېھرىبانلىق مىجەزىڭىزتى.
تىل تەگدىمۇ ئاغا توساتتىن،
كۈندۈزۈمدە چېقىلدى چاقماق.
سىزنى تۈگەپ كېتىپتۇ دېسە،
ئىشەنمىدىم بولسا دەپ چاقچاق.
ئېھ ئەجەلگە نە ئامال ئاخىر،
دولقۇن ئۇرۇپ ئۈزەر بىر قولۋاق.
باغداش تىلەپ ئارتامغا سەۋىر،
قارلۇقغولنىڭ نالىسى ياڭراق.
پەرزەنتىدىن ئايرىلدى ساقا،
قارادۆۋىگە پەرۋانە ئوغلان.
ئېھ قالدىغۇ يىغلاپ جان ئاتا،
ئۇزاتقاندا ئوغلىنى قىران.
قالدى سىزنى دىلدىن سۆيگەنلەر،
جان پەرزەنت، رەپىقىڭىز گۈل،
كېتەرمۇ تېز ئەلنى سۆيگەنلەر،
بۇ جۇدادىن بولدى تەنلەر كۈل.
ھەر ئۆتكەندە يەر بېشى سايان،
تېلەكلىرىم تاغلاردىن ئاشار.
سىز قەلبىمدە جۇلالىق ھامان،
ئەل ئوغلانى مەڭگۈلۈك ياشار...
2014-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى قومۇل
|