339-قەۋەت،bilimxumarيازمىسى:
مېنىڭ جاۋابىم مۇنداق:
ئايلانما ۋە سىزىقلىق ھەرىكەتنى تەڭلا قىلىۋاتقان جىسىم «قاتتىق جىسىم» لا بولىدىكەن (مەن «قاتتىق جىسىم» غا بۇرۇن بىر ئېنىقلىما بەرگەن)، ماكرو-دائىرە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پەيىتتە، ئۇ جىسىمنىڭ تاشقىي يۈزىدىكى ھەر بىر نۇقتىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت تېزلىكى پۈتۈن جىسىمنىڭ تېزلىكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=108056&page=34&extra=#pid1645357
____________________________________
جىسىمنىڭ تۆز سىزىقلىق ھەركىتى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ تۆۋەندىكىچە شەرىت ئۈستىدە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ:
سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ماس قەدەملىك ۋە ئوخشاش يۆنىلىشلىك بولۇش.
ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتچۇ؟:
سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە جىسىمنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشلىك،ماس قەدەملىك بولماسلىق.سىزىقلىق تېزلىك پەرقىگە ۋە يۆنىلىش پەرقىگە ئىگە بولۇش.
بەزىلەر تۆز سىزىقلىق ھەركەتنىڭ شەرتىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتنىڭمۇ شەرتى دەپ قارىۋالغاچقا مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.
29-تىئورمىچە ئېغىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مانا مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويدى.
|