نىمكەش ئۆي سېتىۋالغۇچىلار يەر خېتى بېجىدا ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، يەرلىك باج ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى نازارىتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆي – مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرى بۇ يىل 1 – ئۆكتەبىردىن كېلەر يىلى 31 – مارتقىچە نىمكەش ئۆي سېتىۋالسا، تاپشۇرىدىغان يەر خېتى بېجىنىڭ % 1 تىن ئاشقان قىسىمىغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مالىيە تارماقلىرىدىن تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مەزگىلدە نىمكەش ئۆي سودىسى قىلغۇچىلار ئىلگىرى يەر خېتى بېجىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن % 3 لىك نىسبەت بويىچە تاپشۇرغان ياكى % 1.5 لىك ئېتىبار نىسبەت بويىچە تاپشۇرغان بولسا، نىمكەش ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆي سېتىۋالغاندا يەرلىك باج تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن يەر خېتى بېجىنى تاپشۇرۇپ بولغانلىق ئىسپاتىنى يەر خېتى بېجى تارماقلىرىغا تەمىنلەش ئارقىلىق، تاپشۇرغان يەر خېتى بېجىنىڭ % 1 تىن ئاشقان قىسىمىغا تولۇقلىما ئالالايدىكەن.
|