بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-11 07:44
جەمىيەتتە ئانىنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ،ئۇ بالىلارنىڭ جېنى ھەم قېنى،ئەقلى ھەم كەلگۈسى ! شۇ يۈرەك پارىمىزنىڭ قانداق بولىشىغا ئانىلار ئەڭ يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھازىر چۆچەكلىرىمىز بالىلاردىن يىراقلىشىپ كەتتى.لېكىن كىتاپ بار ،چۆچەكتە مەدەنىيىتىمىز ،ھەممە نىمىمىز بار.دىمەك كىتاپ ئوقۇيدىغان ئانىلار ئازلاپ كەتتى.تېلفۇن ئوينايدىغان ئانىلار كۆپلەپ كەتتى....مانا مەن يازغان تۆۋەندىكى شېئىر مۇشۇ ئىككى خىل ئانا تەربىلەۋاتقان ئىككى خىل تەغدىردىكى بالىلار.بالىلىرىمىز ئۇچۈن ئانىلارلا ئەمەس ،ئاتىلارمۇ كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇيلى!
كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !
ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ
كىتاپ ئوقۇپ زىرىكمىدى بىر ئانا، بالىسىنى سۇقۇپ قوينىغا. بەزىدە بالىسىغا ئوقۇپ بەردى ، تاتلىق چۆچەكلەر. بالا كۈلدى ئالەم كۈلدى. تىلى كىتاپ دەپ چىقتى. يىگىنى كىتاپ، ئىچكىنى كىتاپ، ھەتتا يىغىسىمۇ كىتاپ . بەرى كىتاپ بولدى. كەلگۈسى كىتاپ بىلەن يارىتىلدى، كۈلدى ئانىسى، كىتابىم بالام دەپ. ۋەتەنگە يارىغان ، ئەركان ئوغلۇم دەپ. * * * بىر ئانا بالىسىنى ، سۇقۇپ قوينىغا تېلفۇن ئوينىدى. بەزىدە بالىسىغا، قويۇپ بەردى كوت-كوت پاراڭلار. بالا يىغلىدى، سەسكەندى تىپچەكلەپ. كۈتكىنىم ئانا بۇ ئەمەس دەپ ! تېلفۇنغا كىرىپ كەتتى ئانا. بەلكىم بالام شۇنداقلا ، يىغلىغاندۇ دەپ. مانا كارامەت ، يىگىنى تېلفۇن، ئىچكىنى تېلفۇن. ھەتتا يىغىسىمۇ تېلفۇن بولدى. كەلگۈسى تېلفۇن بىلەن يارتىلدى. يىغلىدى ئانا، تېلفۇن بالام دەپ، ئول ئوغلۇم ئەلگە يارىمىغان ، داشقال بولدى دەپ. * * * شۇڭا دەيمەن پەقەت ئۆزەمگە، ئانا ساپاسى بالا ساپاسى دەپ ! شۇڭا تاغلارغا ئەرز قىلىمەن ، ئانىلار بىلىمدار بولسا ! كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !
2014-يىل 6- دىكابىر قومۇل
|