- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 529
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
ئۆسۈش
  5.8%
|
ئىقتىسادىي چىكىنىشنىڭ تەمىنى ئەڭ بالدۇر بىزنىڭ تىتىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ خام ئەشيا بازىسى ۋە ئىستىمال بازىسى بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىندۇر.
چۈنكى خام ئەشيا ئىقتىسادىي چىكىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ساھە، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز ھازىرقى ئاۋىستىرالىيە ئىقتىسادىغا ئوخشايدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ جۇڭگۇغا ئىكىسپورت قىلىدىغان تۆمۈر رودىسىغا تايىنىدۇ، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىقىرىدىغان پاختا ۋە مىۋە-چىۋىلەرگە تايىنىمىز. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىدىن ئازراقلا چاتاق چىقىش باشلىنىۋىدىكى تۆمۈر رودىسىنىڭ باھاسى 2008-يىلىدىكى باھاغا قايتىپ كەتتى، پاختا باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگەشتى.
مىۋە-چىۋىلەرنىڭ باھاسى سەل يۇقىرىدەك قىلغان بىلەن ئەگەر «شىنجاڭ مىۋە-چىۋىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ ئىستىمالچىلارغا بىۋاستە ساتىدىغان كۆزنەك تاقىلىدىكەن شۇ ھامان مىۋە چىۋىلەرنىڭ باھاسىدىنمۇ چاتاق چىقىدۇ.
بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال خۇددىي قاسساپ بىلەن پادىچىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. پادىچى (دېھقان) پۇلغا ئەڭ دەسلەپتە ئىھتىياجلىق بولغاچقا، قويلىرىنى تۆۋەن باھادا بولسىمۇ سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قاسساپنىڭ ھازىر پۇلغا ئىھتىياجى بولمىغاچقا، گۆشلىرىنى قىممەت باھادا سېتىپ ئولتۇرىدۇ. لىكىن ھەقىقىي چاتاق قاسساپتىن گۆش ئالىدىغانلارنىڭ ئىقتىسادىدىن چاتاق چىققاندا يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ چاغدىكى زەنجىرسىمان رىئاكسىيەدە يەنىلا پادىچى (دېھقان)نىڭ كۈنى ئەڭ چاتاق بولىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا يۇرتىمىز يەنىلا ئىشلەپچىقارغۇچى ئەمەس، ئىستىمالچى ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا يۇرتىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ مەبلەغ قانداق ئېقىپ كىرگەن بولسا يەنە بىر مۇنچە پايدىنى يۈدۈپ ئىشلەپچىقارغۇچى (مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە)نىڭ قولىغا قايتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇرتىمىزنىڭ ئەھۋالىدا يەنىلا ماھىيەتلىك ئۆززگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. پەقەت بانكىلاردىن تارقاتقان قەرز پۇللىرىلا يۇرتىمىز ئىقتىسادىنى پۇۋلەپ سەمرىتىش رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ. |
|