قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 4

بىنا ئالدىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18285
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 20:08:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنا ئالدىدا
ھېكايە
  ئىلاۋە:
  سىز ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ يازمىنى يېزىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنى ئۇيغۇر تىلىغا خېلا ئۇستا دەپ ھېساپلايتتىم. مەيلى نەچچە كۇپلېت شىئېر يازغان ۋاقىتلىرىم بولسۇن ياكى بىرەر سورۇندا باشقىلار بىلەن چاقچاق قىلىشقان ۋاقلىرىم بولسۇن، ئىشقىلىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئالدىراپ يەرگە قاراپ قالمايتتىم. ئەمما بۇ قېتىم مۇشۇ يازمامنى يېزىش جەريانىدا مۇۋاپىق سۆز تاپالماي بەكلا قىينىلىپ ھەقىقەتەن يەرگە قاراپ قالدىم دىسەم تامامەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىش جەريانىدا گىراماتىكىسى ئۇيغۇرچە، ئاتالغۇسى خەنزۇچە گەپلەرنى قىلىۋېرىپ تىلىمىزنى ئۇماچ قىلىپ تۈگەتكەن ئوخشايمىز. تېخىمۇ ئەنسىرىگىنىم: يىگىرمە ياشنىڭ ئاستىدىكى قوش تىللىق بالىلار. ئۇلار قانداق قىلار ھە؟ ئەگەر كېيىن ئانا تىلىڭدا بىر بەت نەرسە ياز دەپ قالسا ئا، ب، س دەپ 32 ھەرىپنى يېزىپ بېرەرمۇ؟
  يازمامنى يېزىپ بولغان چېغىمدا مۇنداق بىر ئەقلىيە سۆزگە ئوخشاش سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ سۆز: «بىرەر ئىش قىلمىغۇچە، نىمەڭ كەم ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسەن» دىگەن سۆز. بۇ سۆزنى بەلكىم باشقىلار دىگەن بولىشى مۈمكىن، ئەمما مەن ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
___________________________________
  11.ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ھاۋانىڭ سوغاقلىقىغا قارىماي بۈگۈن ھاۋا بەكلا ئوچۇق ئازراقمۇ شامال يوق، ئاجايىپ ياخشى بىركۈن ئىدى. بىنا ئالدىغا تىگىپ تۇرغان قىشلىق كۈن نۇرى،بۇ بىنا ئالدىنى ئىللىق ئىسسىتىپ تۇراتتى. شەنبىمۇ ئەمەس، يەكشەنبىمۇ ئەمەس بۇ كۈنكى چۈشكە يېقىنلاشقان بىر چاغلاردابىر قارا رەڭلىك ماشىنا بۇ بىنا ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ماشىنىدىن قىرىق نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ كىشى چۈشۈپ بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ھەمدە ھايال ئۆتمەيلا قايتىپ چىقىپ، ماشىنا يېنىغا كېلىپ توختاپ تۇرىشىغا بىر ئاق رەڭلىك ماشىنا يىتىپ كەلدى ۋە قارا رەڭلىك ماشىنىنىڭ كەينىدە توختاپ ئىچىدىن يەنىلا قىرىق نەچچە ياشلار چامىسىدىكى جۇغى كىچىكرەك كەلگەن بىر كىشى چۈشۈپ ھېلىقى ئۈچ كىشى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشتى ۋە:
ـ يوقمىكەن؟ تېشىدا تۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ؟ـ دەپ سورىدى.ئىگىز كەلگەن بىرى:
ـ يوقكەن، قارىغاندا ئاچاڭ ماگىزىنغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇـدەپ جاۋاپ بەردى. گەپلەر ئەمدىلا چاقچاققا ئۆزگىرىۋاتقاندا لاتاپەتلىك ئاتمىش نەچچە ياشلاردىكى بىر ئايال كەلدى. بۇ يەردە تۇرغان تۆرت كىشى تەكەللۇپ بىلەن ھۆرمەت كۆرسۈتۈپ بۇ ئايالغا سالام بەردى. ئايالمۇ ئۇلارنىڭ سالىمىنى ھۆرمەت بىلەن ئېلىك ئالغاچ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىناغا كەينى تەرپىنى قىلىپ توختىدى. ۋە:
ـ ھىممم، تۆتەيلەن تولىمۇ چىرايلىق بىرلىشىپ،بۇ يەرگە كەپ تۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ؟ـ دىدى. تۆتەيلەننىڭ ئىچىدىكى ئىگىز بويلۇق يەنە دەسلەپ گەپ ئېلىپ:
ـ بىزە ئىش بىلەن چىققان، ماڭايلى دەپ تۇرساق ئۆزلە كېلىۋاتىلا، ئاندىن ئۆزلە بىلەن كۆرۈشۈپلا ماڭايلى دەپ تۇرغان شۇـ دەپ گەپ يورغىلاتتى. لاتاپەتلىك ئايال «ھىم» دەپ دىمىقىنى قېقىپ قويدى ۋە:
ـ مېنى ساقلاپ تۇرمىغانسىلەر؟ ھەر قاچان ماۋۇ يەردىكى تەيتەي ئاچاڭلار ئۆيدە يوق بولسا شۇنى ساقلاپ تۇرغانسىلەر،تايىنلىق ـ دىدى. بۇ گەپ، بېجىرىم كەلگەن بۇ تۆرت ئەركەكنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىگە تەگدى. تۆرتىلىسىلا تولىمۇ بىئارام بولۇپ، مۇۋاپىق كەلگۈدەك بىرەر گەپ تېپىپ بېرەلمەي،خۇددى گۇناكار كىچىك بالىلاردەك يەرگە قارىۋېلىشتى. لاتاپەتلىك بۇ ئايال، بۇ بېجىرىم تۆرت ئەركەكنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئەينى يىللاردىمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ سۈرى ئالدىدا،ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، مۇشۇ بالىلار بېشىنى تىك تۇتۇپ مۇئەللىمىگە قارالمايتتى. بۈگۈن مۇشۇ يەردە،ئاشۇ ئوتتۇز نەچچە يىلنىڭ ئادىدىكى ھالەت قايتا تەكرارلانماقتا ئىدى. لاتاپەتلىك موماي بۇ تۆرت «گۇناكار»غا قاراپ:
ـ ياخشى بالىلار ئىدىڭلار، بىر بىرىڭلەردىن ياخشى ئالى مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇدۇڭلار. ئۇ چاغلاردا سىلەرغۇ خوش بولغان، سىلەردىن ئۆتۈپ بىزمۇ قانچە خوش بولغان ھە!؟ مەلىلىكلىرىڭلەر سىلەردىن پەخىرلىنىپ خۇددى ئۆزلىرىمۇ سىلەر بىلەن بىرگە ئوقۇۋاتقاندەك مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ يۈرىشەتتى. ئۆز مەلىسىنىڭ داشۆسىڭ نىسپىتىنى بېيجىڭ، شاڭخەي،شاڭگاڭ ھەتتا دۇنىيانىڭ قايسىدۇر تەرەقى قىلغان يەرلىرىدىكى داشۆسىڭ نىسپىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ كېتىشەتتى تېخى. دىمىسىمۇ سىلەردىن پەخىرلىنىش ھەققىمىز بار ئىدى. سىلەر ئەينى يىللاردا يۇرتىمىزغا، مەلەڭلەرگە شەرەپ كەلتۈرگەن بالىلار ئىدىڭلار. سىلەر ھەر تەتىلدە كەلگەندە مەلىدىكى كىچىك چوڭ سىلەرنى تالىشىپ،ئۆيلىرىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىپ،ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرىشەتتى ھەم سىلەردىن يېڭى-يېڭى پاراڭلارنى ئاڭلاپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىپ سۆزلۈشۈپ كېتەتتى...
لاتاپەتلىك ئايال پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق،گەپلىرى يىغىلىپ كەتتىمۇ، ياكى بۇ بېجىرىم تۆرت ئەركەكنى مۇشۇ يەردە ئۇچىراتقانغا رازى بولمىدىمۇ، ئىشقىلىپ ماختايدىغان گەپلەر سۆزلىنىپ مۇشۇ يەرگە كەلدى. ئەمما لاتاپەتلىك موماينىڭ «... تەيتەي ئاچاڭلارنى ساقلاپ تۇرغانسىلەر...» دىگەن سۆز بىلەن باشلانغان بۇ گېپىنىڭ كەينى ياخشى خۇلاسىلانمايدىغانلىقى ئاۋۇ تۆرت بېجىرىم كىشىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى. ئەمما بۇ تۆرت بېجىرىم كىشى مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا تۆرت تەرەپكە قېچىپ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز ئىدى. شۇڭا بۇ ناچار ۋەزىيەتتىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن،بىرى تېلفۇنىغا قارىسا بىرى سائىتىگە قاراپ، بىرى باشقا يەرلەرگە قارىسا، يەنە بىرى كىيىم كېچەكلىرىنى ياساپ-تۈزەپ دىگەندەك ئۇششاق ھەركەتلەرنى قىلىشىپ مومايغا روھى بېسىم ئىشلىتىشكە تىرىشتى. لاتاپەكلىك موماي بېجىرىم كىشىلەرنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنىنى سەزگەن بولسىمۇ، توختاپ قالماي سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
  ـ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئىشلىدىڭلەر، يۇرتۇڭلارغا تۆھپىمۇ قوشتۇڭلار. ھەم يۇرتۇڭلارنىڭ مەنىۋى بوشلىقىنى تولدۇرۇشتىمۇ تۆھپەڭلەر كۆرىنەرلىك بولدى. ئۇ ئىشلار پەقەت سىلەرنىڭ ياشلىقىڭلاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىقىڭلار بىلەنلا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلار ئىدى خالاس. مانا بۈگۈنكى كۈندە سىلەر قىرىق نەچچىگە كىردىڭلار. ئادەم ھاياتىنىڭ 40-50 ياشلىرى دىگەن ئەقىل ئىدراك، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان، تازا پىشىلغان دەۋرى، ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ داۋان ئاشقان، ھايات پەسلىنىڭ كۈزلۈك ھوسول ئالىدىغان مەزگىلى. يەنە شۇنداقلا كىچىكلەرگە ئۈلگە بولىدىغان، چوڭلارغا غەمگۈزار بولىدىغان دەۋرى. تېخى سىلەر باشقىلارغىمۇ ئوخشىمايسىلەر، سىلەر دىگەن زىيالى، يۇرتىمىزنىڭ پەخرى، مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى يۆلىكى... مۇشۇنداق يوغان مەسئۇلىيەتلىرىڭلارنى ئۇنتۇپ، ئوتتۇرا قولدەك تۆرت بىردەك زىيالى بىرلىشىپ، يەنە كېلىپ مۇشۇ دەۋىر، مۇشۇ يېشىڭلاردا، يا شەنبە، يەكشەنبە دىگەندەك ھاردۇق كۈنلىرىمۇ ئەمەس كۈنلەردە ھە؟؟!! ...... ھېيييي ـ موماي تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالەتتە بېشىنى چايقىدى. گەپنىڭ كەينى تولىمۇ كىنايىلىكتەك ئىدى. سۆزنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا گەپ تېخى تۈگىمىگەندەك قىلاتتى.ئەمما لاتاپەتلىك موماي ئاشۇ بىر «ھېييي» دەپ باش چايقاش بىلەنلا ئىچ ئىچىدىن خۇرسىنغان قىياپەت بىلەن خوشمۇ دىمەي قايرىلىپلا كېتىپ قالدى. كەيپىيات تولىمۇ سوغاقلىشىپ كەتتى. يىراقلاپ كېتىۋاتقان لاتاپاتلىك موماي تەرەپتىن:
  ـ بىلىملىكلەرنىڭ كۈنى مۇشۇ بولسا، ئەمدى كىمدىنمۇ ئۈمۈت كۈتكۈلۈك ـ دىگەن نىدا كەلدى.
  ـ بولدى، مەن ماڭغاچ تۇراي. قايتمىسام بولمىغۇدەك، چۈشتىن كېيىن قىلىدىغان بىرمۇنچە ئىشلىرىم بار ئىدى ئەمەسمۇ. سىلەرگە خوش ـ دەپ سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ يوغان-يوغان چامداپ ماڭدى كېيىن كەلگەن ھېلىقى جۇغى كىچىك كىشى. ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدىكى سەل پاكارراق كەلگەن بىرى:
  ـ ھەەە...، خوپ بولدىمۇ؟ تولىمۇ تاتلىق لازا يىدۇق ماناـ دىدى. ھېلىقى ئىگىزى:
ـ بولدىچۇ، ئەمدى بۇ كەيپىيات بىلەن ئوينىغان ئويۇن،ئويۇن بولمايدۇ. بولدىلا، كېتەيلى ـ دەپ ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
   دەل بۇ چاغدا «ھەييي» دىگەن تولىمۇ يېقىمسىز ھەم زىل ئاۋاز كېلىپ، تۆرتەيلەننى ماڭغان يېرىدە قاققان قوزۇقتەكلا توختاتتى. ئۇلار تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى. تەيتەي ئاچىسىنىڭ بالكونىنىڭ تۆپىسىدىكى بوشلۇقتا چوشقىنىڭ تۈكىدەك تىرىك ئۇزۇن قارا چاچلىرى قامقاقتەك پاخپايغان، كۆزلىرى چاشقاننىڭ كۆزىدىنمۇ كىچىك، خۇددى تېرە تۆشۈكىدەك، چىرايىنىڭ رەڭگى خۇددى يىرىڭدەك ئاق سېرىق، بۇرنى خۇددى  بىر نەرسە چاپلاپ قويغاندەكلا پاناق، دورداي كالپۇكلىرىدىن ھىڭگان چىشلىرى سىرتىغا قاراپ ئۇزىراپ چىققان، ئىڭەكلىرىنىڭ ئۇيەر بۇيېرىدە ئۆسۈپ قالغان شالاڭ قارا ساقاللىرىنى بولىشىغا قويىۋەتكەن، بىر ئادەمسىمان مەخلۇق بىنانىڭ تېمىدىكى بوشلۇقتىلا پۇتلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە سېھېرلەنگەن ھالەتتە ئولتۇراتتى.  تۆرتەيلەن تەڭلا «يائاللاھ، نىمە كارامەت بۇ؟» دىيىشكەنچە ئېغىزلىرىنى ئېچىشىپ قاراپ قېلىشتى. ھېلىقى بەت بەشىرە ئادەمسىمان مەخلۇق ئۇلارغا خۇددى چوشقا پۇتىدەك كۆرىنىدىغان سەرت قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ:
  ـ ۋۋۋۇ يارىماسلار، ئاشۇ قېرى موماينىڭ ئىككى ئېغىز ۋاتىلدىشىغا تەسىرلىنىپ كىتىپ، ئەمدى كەتمەكچى بولىشىۋاتامسەنلەر؟ ئۆزەڭلەرچە، ئۆزەڭلەرنى بۇ زىمىندا كەم بولساق بولمايدىغان ئادەملەر دەپ ساناپ قېلىشىۋاتامسەن؟ خىيالىڭلاردا،سىلەر بولمىساڭلار بۇ جاھاننىڭ چېقى چۆرگىلىمەسما؟ قېنى،بېشىڭلارغا ئاق كىرگىچە ئوقۇپمۇ بولغان ھالىڭلار؟ـ بۇ بەتبەشىرە مەخلۇقنىڭ گېپى زەھەردىنمۇ ئاچچىق، نەق يۈرەكنىڭ بېغىغا تىگىدىغان گەپلەر ئىدى.ھېلىقى تۆرت بېجىرىم  كىشى، بۇ ئادەمسىمان مەخلۇقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۈگەتمەي،بۇ يەردىن كېتەلمەيدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى قاققان قوزۇقتەك مىخلىنىپ قېلىپ ئىرادىسىگە قەتئى بوي سۇنمايۋاتاتتى. بەتبەشىرە ئادەمسىمان مەخلۇق سۆزىنى داۋام قىلدى:
   ـ كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىپ ئويلاپ بېقىڭلار!. سىلەرنىڭ ئىشلىگەن ئىشلىرىڭلار كىمدىن كەم؟ تارتقان جاپايىڭلارچۇ تېخى. داداڭ بىلەن ئاناڭغا قىلمىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار، قېنى كىم سىلەرنى ياخشى دىدى؟ قېنى كىم سىلەرنىڭ قەدىر قىممىتىڭلارنى قىلدى؟ تۈزۈكرەك ئوقومىغان، سىلەردىن قانچە-قانچە كېيىن خىزمەتكە چىققانلارمۇ، چوڭ-چوڭ ئەمەلدارلار بولۇپ كەتتى.ھازىر تاغ  يۆرتكىۋەتكەن نوچىلاردەك ئايىماي پو ئېتىشىپ، مەيدىسىنى كېرىپ قويۇپ  يۈرۈشمەمدۇ. سىلەرنىڭ ئۇلاردىن نەرىڭلەر كەم؟ ئوقۇش تارىخى دەمسەن، دېپلوم دەمسەن، ئىشلىگەن خىزمەت دەمسەن ھەممە نەرسەڭ خەقتىن يوقىرى بولسا بولىدىكىن تۆۋىنى يوق. قېنى شۇ نەرسىلىرىڭنىڭ ئەسقاتقىنى؟ يەنە شۇ،ئايدىن ئايغا ئاران ئۇلىشىپ ئىنتىزارلىقتا جان بېقىپ كېلىۋاتىسەرغۇ. خەقلەرچۇ؟ قولۇڭلاردىن كەلسە ئۇلارنىڭ بانكا ھېساۋىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، سېتىۋالغان ئۆيلىرىگە قاراپ بېقىڭلار. ھەيدەۋاتقان ماشىنىلىرىدا بىرەر قېتىم ئولتۇرۇپ بېقىڭلارـ بۇ ئادەمسىمان مەخلۇقنىڭ ئاچچاق گەپلىرى ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ يۈرەكلىرىنى تىتىرەتمەكتە ئىدى. مەخلۇق سۆزىنى داۋام قىلدى:
  ـ ۋۋۋۇ كالا پوقلىرى. جاھاننىڭ ئىشلىرىنى مۇنداق،قاراپ، ئويلاپ بىر ئىش قىلىشمامسەن. بۇنى ئاڭلىساڭ بۇنىڭكىنى راست دەپ، ئۇنى ئاڭلىساڭ ئۇنىڭكىنى راست دەپ، خۇددى يۇمىلاق تاۋۇزدەك ھەر يېنىغا دۈگىلەپ. يا ئاق-قارىنى تۈزۈك پەرىق ئېتەلمىگەن، يا جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ نەدىلىكىنى تۈزۈك بىلەلمىگەن. بىلمىگەن بولساڭلار مەن دەپ بېرەي، ئېنىق بىلىۋېلىش: ھەر قايسىڭ مەڭگۈ ئىجراچى، ھەرگىز قارارچى ئەمەس. پۇت-قول دىگەن ھامىنى باشنىڭ قوماندانلىقىغا بوي سۇنىدۇ. نەدىمۇ خوجايىن بىلەن مەدىكارنىڭ تەڭ بولغىنى بار؟ شۇنداق بولغان ئىكەن، ھېلىقى كونىلىرىڭنىڭ «پالتا چۈشكىچە كۆتەك دەم ئاپتۇ» دىگەن گېپى بويىچە، يېڭى بۇيرۇق، يېڭى قارار كەلگۈچە «ئۇھھھ» دېۋالغىنىڭ دېۋالغان ئەمەسمۇ. شەنبە، يەكشەنبە بولمىسا نىمە بوپتۇ؟ پۇرسەت ساڭا كۈندە كېلىۋېرەمتى؟ پۇرسەت بولغاندا ئوينىۋال،ياشىۋال! مانا بۇ سىلەرگە ئوخشاشلارغا نىسپەتەن ھاياتنىڭ پەتزى دىگەن شۇ. ئېسىڭدە بولسۇن:سەن دىگەن ئىجىراچى، ھېچ نىمىنى ئۆزگەرتەلمەيسەن.مۈمكىن بولسا ھېچ نىمىگە ئارلاشمىساڭ، ھېچ قانداق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەي، «بەرسە يەيدىغان،ئۇرسا ئۆلىدىغان» ھالەتتە ياشىساڭ تېخىمۇ ياخشى. تۆھپە قوشۇمەن، ئۈلگە بولىمەن، پەرزەنت تەربىيلەيمەن دىگەندەك قۇرۇق خىياللارنى كاللاڭدىن پاكپاكىزە يۇيۇپ چىقرىۋەت. ئۇ سىلەر قىلىدىغان، ھەتتا خىيال قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئەمەس. تەيتەي ئاچاڭلار سىلەرگە يامان قىلدىمۇ؟ كېچە-كۈندۈز پۇرسىتىڭ بولسا شۇيەرگە چاپىسەن، يەنە تەيتەينى ئېلىپ، تەيتەيگە سەپ سۆزلەپ ئاغزىڭ بېسىقمايدۇ. ھەر قېتىم سىلەرنى  ئىللىق چىراي كۈتىۋالىدۇ، سۆڭەك يىلىمىدە قاتۇرۇلغان قەغەز ئىستىكانغا، قارا دىسەڭ قارا، تام دىسەڭ تام چاي دەملەپ ئىسسىق قۇيۇپ بېرىدۇ. بۇ چىللىنىڭ زۇمخارىدا سىلەردەك ئادەملەرگە نىسپەتەن ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇپ،ئىسسىق چاينى ئىچىپ، تاماكىنى بولىشىغا چېكىشىپ، كۈلكە چاقچاق بىلەن ئويۇن ئوينىساڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق راھەت، ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟ تاپقان  ئىككى تەڭگە پۇلۇڭغا ئۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نىمە خوشاللىق ئىزدىمەكچى؟... ـ ئادەمسىمان بەتبەشىرە مەخلۇق يەنە نىمىلەرنى دىمەكچىدىكىن. بۇ چاغدا تۆۋەن تەرەپتىن بىر نەچچە يۈرۈش-تۇرۇشىدىن تەقۋالىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان، ئەسكەر كىيىمىگە تەقلىت قىلىپ تىكىلگەن ساقتا سېرىق جۇۋا، ساقتا سېرىق يۇڭلۇق ئاياق كەيگەن، چىرايىدىن ساددا، مۇلايىم ھەم ئىتائىتمىنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر كېلىپ قالدى. ئۇ كىشىلەر،بۇ تۆرت بېجىرىمنىڭ روبىروسىغا كەلگەندە سالام بەرگەن ھېساۋىدا بىلىنەر-بىلىنمەس باش لىڭشىتكەچ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ كىشىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن ھېلىقى بەتبەشىرە ئادەمسىمان مەخلۇقمۇ كۆزدىن غايىپ بولدى.
  باشلىرىدا چاقماق چېقىلغاندەك بولۇشقان بۇ تۆرت بېجىرىم كىشى، بىر بىرىگە قارىشىپ ئەمدىلا "ئۇھھھ" دىيىشىگە، ئىككى قولىدا بىر مۇنچە سۇلىياۋ خالتا كۆتەرگەن ھېلىقى تەيتەي ئاچىسى يىتىپ كەلدى ۋە مۇلايىملىق بىلەن تەكەللۇپ قىلىپ تۇرۇپ:
   ـ تولىمۇ سەت بولدى. ئەپۇ قىلىڭلار، سىلەرنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن.ئەتتىگەندىن قارىسام ئادەم يوق. ئادەم كېلىپ قالغۇچە قەغەز ئىستىكان، تاماكا، فاڭبەنمىئەن(تەييار چۆپ)لەرنى ئەپچىقىۋالاي دەپ بازارغا چۈشكەن، كېچىكىپ قالدىم. قېنى ئۆيگە يۈرۈڭلەرـ دىگىنىچە بىناغا قاراپ ماڭدى.
2014.يىل 12.ئاينىڭ 5.كۈنى.

1

تېما

1

دوست

1988

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 02:46:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگەرەھمەت .نۇرغۇن مەزمۇننى ناھايتى ئەپچىل پىرسلاپسىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

1

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30561
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 16:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچ بىلەلمىدىما ، نىمە ئىش قىلغىلى كەلگەن بوغىيتى بۇلار .

2

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18285
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 21:08:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقمۇ بىلەلمىگەنسىزboss110 ئەپەندىم ھە؟ ئۇلار، ئۇ تەيتەي ئاچىسىنىڭ دائىملىق خېرىدارلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەرگىز ياخشى ئىش قىلمايدۇ ئەمەسمۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )