- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2308
- نادىر
- 0
- يازما
- 169
ئۆسۈش
  10.27%
|
kokbore يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 13:01 
ھېيت نوچى ھەققىدە ئەمدى ئاڭلاپتىمەن. ئەمما سىيىتاخۇن ئ ...
كىچىكىگە كىچىكمەن، چوڭىغا چوڭمەن،
پىششىقىغا پىششىقمەن، توڭىغا توڭمەن.
تەتۈرىگە تەتۈرمەن، ئوڭىغا ئوڭمەن،
كەمبەغالنىڭ قاياشى--سىيىت نوچىمەن.
نوچى دىگەن مۇشۇنداق بولار؟ سىز سىيىت نوچىغا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆزقارىشى بويىچە باھا بەرسەڭىز خاتالاشقان بولىسىز، ئەگەر سىيىتاخون نوچى بولمىسا مەدداھلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق تىللاردا داستان بولۇپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەرمىدى؟ بىزدە سىيىت گاڭگۇڭ، سادىر پالۋانغا ئوخشاش داستان شەكىللەندۈرگەن نوچىلاردىن نەچچىسى بار؟ سىيىتاخۇن نوچى بولماي، ھېيتاخۇن نوچى بولسا بۇ ‹‹مۆچىزە ياراتقان پالۋان›› نىمىشقا تىللاردا داستان بولمايدۇ؟
ئاتۇش خەلقىدە ئاتۇشلۇقلارنى قارا-قويۇق ماختاش ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ، خەق ئىشىنەمدۇ-ئىشىنمەمدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، بۇ خىل يۇمۇرلۇق ماختاشلار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ:
ئبدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئاتۇشلۇق، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاتۇشلۇق، ئوبامانىڭ ئاتا-ئانىسى ئاتۇشلۇق، سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇشلۇق، خاقانىيە خان جەمەتىدىكىلەر ئاتۇشلۇق، مەھمۇد كاشىغەرى ئاتۇشلۇق(ئازىق بىلەن ئازاقنى ئارىلاشترىۋەتكەن)، يۈسۈپ خاس ھاجىب ئاتۇشلۇق (بالاساغۇن بىلەن ئادەمسىز ئۆتەڭ سۇغۇننى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن)، ھەتتا ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىمۇ جەننەتتىن قوغلانغاندا ئاتۇشقا چۈشكەن، شۇڭا ئۇلارمۇ ئاتۇشلۇق...
ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردا سودا ئەنئەنىسى يوق ئىدى، ئاتۇشلۇقلار ئۇيغۇرلارغا سودا قىلىشنى ئۈگەتكەن، ئون قەشقەرلىقنىڭ كاللىسى بىر ئاتۇشلۇققا يەتمەيدۇ......
ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى، تارىخقا ئىلمىي باھا بېرەيلى، ھەممەيلەن قېرىنداش بولغاندىكىن ئۇنداق يۇرتۋازلىق قىلمايلى. |
|