- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1825
- نادىر
- 0
- يازما
- 163
ئۆسۈش
  82.5%
|
ahgul914 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 15:13 
قومۇل شىنجاڭنىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغاندىكىن باشلامچ ...
راس دەيسىيز ئاڭلىشىمچە تۆۋەنگە چۈشكەن ھەر قانداق بىر خەلققە پايدىلىق سىياسەتنى ئالدى بىلەن قومۇلدا سىناق قىلىش بەدىلىگە ئاندىن باشقا يۇرتلارغىمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكى بويىچە يۈرگۈزىدىغان گەپكەن . دېمىسىمۇ تارىختىن بۇيان قومۇل نۇرغۇن ئىش-ۋەقەلەرنىڭ تىرىك شاھىدى بۆشۈكى بولۇپ كەلگەن خۇددى كۈن ئەڭ ئالدىدا شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ چىققاندەك ..... قومۇل مۇقاملىرىدىمۇ ‹‹ كۈن چىقىشتىن كۈننى كۆردۈم ، كۈن پېتىشتىن ئاينى ›› دېگەندەك مىسرالار ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇندىن باشقا ئالىم ئا . ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ دېڭىزدىن سادا ›› ناملىق نەسىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىگە دىققەت قىلىپ بېقىڭلار ، بۇ ئازاتلىقتىن ھارپىسىدا شۇنىڭغا ئاتاپ يېزىلغان بولۇپ ‹‹ تاڭ كۈن چىقىشتىن ئاتىدۇ ئەمما يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن ›› دەپ يېزىلغان . دېمىسىمۇ شىنجاڭ ئەڭ بېشىدا قومۇلدىن باشلاپ ئازات بولغان ، دېمەك بۇ مەركەزدىن ئومومىي خەلق ئۈچۈن چۈشكەن پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا قومۇلدىن باشلاپ ئەمەلىيلىشىشى تۇرغانلا گەپ ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىناق تەرىقىسى بولۇشى مۇمكىن شۇڭا قېرىنداشلار تولا ئۈمىتسىزلىنىپ كەتمەڭلار ، قومۇلدا تۈزۈتۈلگەنلا بولسا چوقۇم پات ئارىدا پۈتۈن شىنجاڭغا بىر تارايدۇ ، مۇھىمى ھەممە نەرسىنىڭ غوجىسى بار ، بىزدە بولسا قانۇن سىياسەتلەر بار ھۆكۈمەت كومپارتىيە بار ئۆزۈمىزنى قوغدايدىغان ، ئەڭ مۇھىمى قانۇندا بېكىتىلگەن پۇقرالىق سالاھىيىتىمىزدىكى نازارەت قىلىش دوكلات قىلىش ھەتتا پاش قىلىش ھوقوقىمىز يېتەرلىك ، شۇنى ئىلمىي قانۇن بويىچە ئېلىپ بارالىساقلا چوقۇم جەمئىيىتىمىز ئىناق مۇقىم سىجىل تەرەققىي قىلىدۇ . شۇڭا مۇشۇ تېمىنى يوللىغۇچى ھەم بارلىق قومۇل ئامما خەلق ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق كومىتېتىدىكى بارلىق خادىملارغا كۆپتىنكۆپ تەشەككۇر ھەم قايىلمەن . |
|