قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1463|ئىنكاس: 4

ئىلىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان ئابدۇللا ھاپىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

112

تېما

7

دوست

6463

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  87
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 1573
تۆھپە : 869
توردىكى ۋاقتى: 2473
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 14:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان سادىر پالۋان
قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئائىلە نەسەبى
 


(مۇھەممەت يۈسۈپ) 

  
       مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
           ئىلى دىيارىدىن چىققان سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، گەپنى ئىلى دىيارىغا قۇمۇللۇقلۇقلارنىڭ قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ چىققانلىقىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
       چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى قۇرغان، چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغانىدى. بۇنداق كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن ئالۋان – ياساق ئېلىش بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇ چاغدا قاتناش، توشۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغانلىقتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تارىختىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرىنى قوغداش ئەنئەنىسى بويىچە ھەرخىل شەكىلىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا كىرىشتى. شىنجاڭدا « ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش »، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان « مەھبۇسلارنى يۆتكەپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتچىلىكىدە يەر تېرىش » ، « شىنجاڭغا كۆچمەن كۆچۈرۈپ، خەلق تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇش » قاتارلىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەم ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ چىگرانى قوغداپ تۇرغان ئەسكەرلەر بىلەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يېمەك – ئىچىمىكىنى ھەل قىلدى ھەم شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 1760-يىلدىن 1768-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 6000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى. جۈملىدىن قۇمۇلدىنمۇ 500ئائىلە ئۇيغۇر دېھقان 1766-يىلى 5-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان باشچىلىقىدا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى ( ئىسھاق ۋاڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى ) خەنزۇلار بۇ دېھقانلارنى « ئۇيغۇر تېرىقچىلار» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرىنى بولسا «تارانچىلار » دەپ ئاتاپ ، جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن « ئۇيغۇر » دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇندىن باشقا، ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەنمۇ قۇمۇلدىن غۇلجىغا كىچىك كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىش بولغان. «1825-يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى ) 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن چۈشۈرۈلگەن خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ھېكىمبەگ ( بەزى جايلاردا ھاكىمبەگ دېيىلىدۇ )لەرنىڭ داۋگۇاڭ خاننى تاۋاپ قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىلىنىڭ 6- جەرىكىلىك ( دەرىجىلىك) ھاكىمبېگى خالزات ھاكىمبەگ بېيجىڭگە بارغۇچە ۋە قايتقىچە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قىسقا مەزگىل تۇرغان. بۇ چاغدا 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ۋاڭنىڭ 2- ئايالى بۈۋىھەجەر ( 8- ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتنىڭ ئانىسى ) ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، خالزات ھاكىمبەگ تەيجى تاغىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا  مەسلىھەت بەرگەن. توي رەسمىيەتلىرىنى ئەلچىلەر ئىلىغا ئىككى قېتىم بېرىپ بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدىن 60ئائىلە ئىلىغا توي قىلىشقا بارغان ۋە ئىلىدىنمۇ 60ئائىلىلىك ئەر – ئاياللار قۇمۇلغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، خالزات ھاكىمبەگ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىلىغا 30ئائىلە ئادەمنى كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بۇ 30 ئائىلىلىك قۇمۇللۇقلار خۇدىيار يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللە شۇ چاغدىن باشلاپ «قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دەپ ئاتالغان. 



ئابدۇللا ھاپىز


         ئابدۇقادىر ئەكبەرنىڭ « شائىر ئابدۇللا ھاپىز ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى » دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئۆزىگە قەلەم » نى تەخەللۇس قىلغان ئابدۇللا ھاپىز ئابدۇللا ناسىر ئوغلى 1875-يىلى تۇغۇلۇپ ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىيار يۈزى يېزىسى « قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دە ياشاپ، 1956-يىلى 81يېشىدا ۋاپات بولغان.
       شائىرنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن . ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا قوشاق توقۇش، شېئىر يېزىش، لەتىپە ئېيتىش ئەمگىكى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سەمىمىي مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغان.
      1981-يىلى 6- ئايدا بىز شائىرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان بىر شېئىرلار توپلىمىنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئېنىقلىشىمىزچە ، شائىر بۇ توپلامنى 1944-1948-يىللىرى تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 1930-1948-يىللاردىكى شېئىرلىرىنى رەتلەپ كىرگۈزگەن...
شائىر شېئىرلىرىدا ئۆز زامانىسىدىكى زۇلۇم ، ئادالەتسىزلىك، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ناھەقچىلىقتىن زارلىنىپ ، ھەرخىل ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ئاچچىق تىل بىلەن سۆكىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ جاھاندىن ۋاپا كۆرمىگەنلىكى، ھەممە يەردە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ دۇنيادىن زېرىككەنلىكىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنى ساپ ۋە ئادىل ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ . ئابدۇللا ھاپىز خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي تۆھپە قالدۇرۇپ كەتكەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپتۇر » .
        شائىر ئابدۇللا ھاپىز يۇرتى قۇمۇلنى سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن 1940-يىللاردا قۇمۇلغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تۇرغان ۋە قۇمۇلدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ 75غەزەل يازغان ھەمدە بۇ غەزەللەرنى باشقا ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن قوشۇپ ، « مەجمۇئۇل ئەدەبىيات » ( « ئەدەبىيات مەجمۇئەسى » ) دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىپ ئىشلىگەن. بۇ توپلامنى ئاتاقلىق خەتتات ۋە فولكلورچى ئېلى ئىسمايىل مەمۇرىي مەھكىمىدىن پېنسىيىگە چىققان يەھيا قارى ئابلېلىمدىن سېتىۋالغان ھەمدە مەرھۇم قاسىم ئەپەندى ( تەڭرىتاغ يېزىسى تۆمۈرتىدىكى قاسىم نىياز ) تەمىنلىگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا شائىرنىڭ بۇ توپلامدىكى بىر قىسىم غەزەللىرى بىلەن باشقا ئەسەرلىرىنى قوشۇپ ، 80-يىللاردا «بۇلاق»ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان. ھازىر ئېلى ئىسمايىل « بۇلاق»قا ئەۋەتكەن ماقالىسى ۋە شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتاقلىق شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلدى.
         يۇقىرىدا بۇ ئۈچ نەپەر مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىلا توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا ئىلگىرى نۇرغۇن ماقالە، ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، بۇ ماقالىمىزدە تەكرارلىمىدۇق.


ئىزاھات :

      (1) بۇ ماقالىدە نامى تىلغا ئېلىنغان قۇمۇل  ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن بەھرەمبەگ خوجا دېگەن كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنى مەرھۇم ھاپىز نىياز تۈزگەن، ئابلىز ئۇرخۇن « شىنجاڭ تەزكىرىسى » ژۇرنىلىدا جەدۋەللەشتۈرۇپ ئېلان قىلغان « قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبنامىسى » بىلەن مەرھۇم ئىبراھىم شاھى كۆچۈرۈپ قالدۇرغان « قۇمۇل ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى » دىن ئىزدىسەم بەھمەنتەيجى بولسا 2-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى گۇپا ( ۋاپا)بەگنىڭ 2- ئوغلى يۈنۈسبەگنىڭ ئوغلى سۇلايمان تەيجىنىڭ ئوغلىكەن ياكى گۇپا بەگنىڭ ئەۋرىسى بولىدىكەن. بەھمەنبەگ دېگەن ئىسىم غۇلجىدا بەھرەمبەگ بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ئېھتىمال . يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ 
      (2)ئىلى گۇڭبەگلىكى مەھكىمىسىدە ھاكىمبەگ بولغانلار – 1758-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باستۇرۇشىدا قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ بىلەن تۇرپان ۋاڭى ئىمىن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئەمەل دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ مۇكاپاتلانغان. يۈسۈپ ۋاڭ قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ، ئىمىن ۋاڭ يەكەننى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەندىن باشقا، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئۇكىسى ئابدۇللا ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە،  ئىمىن ۋاڭنىڭ 2-ئوغلى مۇسا گۇڭ دەرىجىلىك تەيجى ئۇنۋانى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارغا باشلىق قىلىنغان. 1762-يىلى ئىلى گۇڭبەگلىگى قۇرۇلغاندا مۇسا 1-ئەۋلاد ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەن . مۇسا 1766-يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەندە ئوغلى ئەۋرەڭزىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ھاكىمبەگ بولغان. 10يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكىزات ھاكىمبەگ بولغان . 20يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوشنىزات ھاكىمبەگ بولغان ، 20 يىلدىن كېيىن ( 1817-يىلغا كەلگەندە ) ئۇنىڭ ئورنىغا خالزات 1860-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولغان. بۇ جەرياندا يەنە باقى ھېكىم، دۆلەت ھېكىم ، چورۇق ھېكىملارمۇ بىر مەزگىل ھاكىمبەگ بولدى. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا خالزاتنىڭ ئوغلى مەزەمزات يەتتە يىل ھاكىمبەگ بولدى. 1867-يىلى ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ ئەلاخان سۇلتان بولدى ۋە ئابدۇروسۇلبەگ، موللا شەۋكەت قاتارلىقلار سۇلتانلىقىنى ئۆز ئارا تالىشىپ ئۇرۇشتى. 1871-يىلى چاررۇسىيە ئىلىنى بېسىۋالدى ۋە چىڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۋەتتى. 1882-يىلى ئىمىن ۋاڭ نەسلىدىن ئېلىيار ( ئىلياس تەيجى ) 1891-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولدى .  ئۇ 17ياشتىلا ھاكىمبەگ بولغاچقا، « بوۋاق ھاكىمبەگ » دەپ ئاتالدى . 1891-يىلى ۋاپات بولغاندا ئوغۇل پەرزەنت بولمىغاچقا، يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمنى مىرغىياس بەگكە ياتلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى مىرغىياس بەگكە ئۆتۈپ ، ھاكىمبەگ خوجا دەپ ئاتالدى.


پايدىلانمىلار :

1.ئابدۇللا ئەخمىدى :  بەييەنخۇ يېغىلىقى ۋە مېھرىبانۇ ۋاڭ »  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1986-يىل 4-سان .
2.« ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى » مەجمۇئەسىنىڭ 92-يىلى 8-سان ( خەنزۇچە نەشرى )
3.تۇرسۇن ياسىن: « باھادىر ئەزىمەت – سادىر پالۋان » كىتابچىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 2001-يىل 6-ئاي 1- نەشرى
4.«ئىلى گېزىتى » نىڭ 1998-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى « ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر زات ھاكىمبەگ خوجا » دېگەن ماقالىسى
5. « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 4- سانى
6.«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 42-سان 280- ، 283- بەتلىرى



ئالدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر :
1.ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان سادىر پالۋان:
./read.php?tid=2462

 
2.ئىلى دىيارىدىكى قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن چىققان ھاكىمبەك غوجا
./read.php?tid=2598



مۇھەممەت يۈسۈپ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى باغداش تورىغا خاس ، قالايمىقان كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي مەسئولىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ 

ئىنسان دىگەن نىم

100

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2392
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 16:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تارىخكەن ،بىلمىگەننى بىلدۇق،ھىس قىلمىغاننى ھىس قىلدۇق
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2608
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 17:38:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋاننىڭ قومۇللۇقلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى  ئەمدى  ئاڭلىشىم،،،

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2768
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 15:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ سادىر پالۋاننىڭ ئەجدادى قۇمۇللۇق. بۇ %100 ئىشىەنچىلىك.مەن پەقەت مۇشۇ تېما ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشىم.

2

تېما

0

دوست

1095

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  540
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 217
توردىكى ۋاقتى: 93
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 16:37:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىسىنى بەك ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن . ئەمما سادىر پالۋاننىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى  يازغۇچى تۇرسۇن ياسىن ۋە تەتقىقاتچى ، پېشقەدەم شائىر مەمتىمىن قۇربانلارنىڭ كىتابلىرىدا قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى توقماق كەنتىدىن دەپ كۆپ كۆرگەن ئىدىم .
سادىر پالۋاننىڭ دادىسى خۇشئەخمەت ۋە ئانىسى ...قاراقاشتىن ئىلىغا كۆچۈپ چىققانلار قاتارىدا بار ئىكەن . ئۇلار ئىلىدا توي قىلغان ۋە سادىر پالۋان تەۋەللۇت قىلىنغان .
مەن سادىر پالۋان ھەققىدىكى ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ماقالىدە مېنىڭ يۇقىرىقى پىكرىمنى رەت قىلىدىغان جاي يوقكەن . بىز ھەممىمىز ئىلمىيلىكنى ياقىلايمىز . مۇنبەرگە بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )