- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4571
- نادىر
- 0
- يازما
- 294
ئۆسۈش
  85.7%
|
ھەي يەنە يەنە شۇ گەپ . مەن تىما ئىگىسىگە بىر نەچچە سۇئال قوياي . سىز ئوننەچچە يىل ئوقۇپ كىلىپ بىر شىركەتنىڭ ئالدىغا بارسىڭىز ئۇلار سىزگە يەنىلا تۆۋەن قاتلامدىن باشلاپ ئىشلە دىسە . تۆۋەن قاتلامدا تولۇق تولۇقسىز سەۋىيەدىكى بالىلارمۇ تۇرسا مۇئاشىڭىز ئۇلار بىلەن ئوخشاش تۇرسا .يەنى 2000دىن سەل ئارتۇق بۇنداق ئەھۋالدا سىز قانداق ئويلايسىز . بۇ يەردىكى مەسىلە ئوننەچچە يىل ئوقۇپ كەلگەن ئادەم 24 ياكى 25 لەرگە كىرگەن بولىدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرمۇش بىسىمى شۇ سىز دىگەن تولۇق كۇرۇس ياكى تولۇقسىز كۇرۇستىكى بالىلاردىنمۇ چوڭ يەنى ياشتا چوڭ . بولۇپمۇ ئوغۇللارغا كىلىدىغان بىسىم بەك ئىغىر . ئۇلار يەنە ئاساسىي قاتلامدا بىرنەچچە يىل ئىشلەپ ئاندىن يۇقۇرى كۆتۇرۇلىمەن دىسە ئۇلار توي قىلمامدۇ بىر ئۆينى بىشىغا كەيمەمدۇ . ئۇ پۇل بىلەن بىر ئۆينى بىشىغا كىيىپ تۇرمۇشىنى قامدىشى بەك تەسكە توختايدۇ . ئەمما باشقىلار ئوخشىمايدۇ ئۇلار 20دىن ئىشىپلا شىركەتلەرگە كىرىپ بىرنەچچە يىل ئاساسىي قاتلامدا ئىشلىسىمۇ ئۇلار يەنىلا ياشقا چوڭ ئەمەس ئۇلارنىڭ تەجىربە توپلايدىغانغا توشقۇچە ۋاقتى بار . شۇڭا سىزمۇ ئويلاپ بىقىڭ 25كە كىرگەن بىر ئالى مەكتەپنى پۇتكۇزگەن بىر ئادەمنى سىز ئاساسىي قاتلامدا يەنە بىر ئىككى يىل ئىشلەڭ مۇئاشىڭىز 2200 دىسە كىم چىن كۆڭلىدىن رازى بولۇپ ئىشلەيدۇ .پەقەت ۋاختىنچە ئىشلەشتەك ئىدىيە بىلەن ئىشلەيدىغان گەپ .
ئوننەچچە يىل ئوقۇيالىغان ئادەمنىڭ ئۇگۇنۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۇچلۇك بولىدۇ تەجىربە كەم بولسىمۇ بىرقەدەر كۇچلۇك ئۇنۋىرسال ساپانى ھازىرلىغان بولىدۇ ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان شىركەت ئۇلارغا تەرەققى قىلىش پۇرسىتىنى ياكى ئۇلارنىڭ بىڭسىنى كۆرسىتىدىغان شارائىتنى ھازىرلاپ بەرسە مەن ئىشىنىمەن كۆپلىگەن ئالى مەكتەپنى پۇتكۇزگەن سىتودىنىتلار خىزمىتىنى باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ياخشى قىلىپ كىتەلەيدۇ . ئەمما ئۇلارغا كىم شۇنداق شارائىتنى يارتىپ بەردى .
سىز مىسالغا ئالغان بىئو-پەنتىخنىكا شىركىتىدىكى خادىملار بولسا كەسپى خادىملار ئۇيەرگە خالىغان سىتودىنىتلار كىرەلمەيدۇ چۇنكى ئۇ مەشغۇلاتلارنى قىلالمايدۇ (شۇ كەسىپنى ئۇگەنگەنلەردىن باشقىلار ئۇ ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغان ) ئەمما سىز يەنە سۇ كەسپى خادىملارنى كۆپرەك سۇرۇشتۇرۇپ بىقىڭ ئۇلار قانچىلىك مەزگىلدە شۇ ھۇنەرنى ئۇگۇنۇپتىكەن . دەسلىپىدىنلا ھەممىنى بىلەمدىكەن . ئەمما سىتودىنىتلارغا شۇ ۋاقىتنى بىرەمدىكەن ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا تۆۋەن مۇئاش بىلەن سىتودىنىتلارمۇ ئۇ ھۇنەرنى ئۇگۇنۇشنى خالىمايدۇ سەۋەبىنى مەن يۇقۇردا بايان قىلىپ بولغان .
جەمىيىتىمىزدىكى كۆپلىگەن كارخانىلار سىتودىنىتلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ بۇنى سىز بىلەمسىز ئۇلارغا بولسا تۆۋەن مۇئاشلىق ئىش ئۇنۇمى يۇقۇرى خىزمەتچى بولسا بەكرەك خالايدۇ . شىركەت قانداق قىلغاندا ئاندىن تەرەققى قىلالايدۇ ئاساسلىق ئامىل بولسا يۇقۇرى سەۋىيدىكى خادىملارنى كۆپلەپ ئۆزىگە جەلىپ قىلالىغاندىلا ئاندىن تىخىمۇ بەكرەك تەرەققى قىلىش بوشلىقىغا ئىرىشەلەيدۇ . شۇ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى كىشىلەرمۇ دەسلەپ تەجىربە توپلىشى كىرەك . ئەمما تۆۋەن مۇئاش بىلەن مەدەنىيەت سەۋىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق خىزمەتنى ئۇلارغا ئىشلە دىسە ئۇلارمۇ بۇنداق تۆۋەن سەۋىيەدىكى تەجىربە بىلەن بەك تەرەققى قىلىپ كىتەلمەيدۇ . شۇڭا كارخانا تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن تالانتلىقلارنى جەلىپ قىلىشى كىرەك . مىنىڭ بىر كۆز قارىشىم بار يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئادەمنىڭ ھەممىسى تالانتلىق ئەمەس ئەمما تالانتلىق ئادەملەر توپىغا يىقىنراق كىلىدىغانلىرى بەك جىق . تۆۋەن سەۋىيەدىكى تالانتلىقلار بار ئەمما شۇ تالانتىنى تىخىمۇ تەرەققى قىلدۇرالايدىغانلىرى بەكمۇ ئاز . |
|