- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4278
- نادىر
- 6
- يازما
- 124
ئۆسۈش
  75.93%
|
ئىنكاس يازغۇچى قېرىندىشىم، ئىنكاسىڭىزدىكى مەسىلە كىچىك ئىش ئەمەس، بۇنداق ئىشلار ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدە كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئىشلار چىققاندا ۋاقتىدا خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنى ئاگاھلاندۇرمىسا، بۇنداق ئىشلارنى يەنە چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ھەم سىزگە مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
1. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ قارىمىقىدا نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى دەپ بىر ئىدارە بار، بۇ ئورگان نەق مۇشۇنداق نەشىر ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئائىت تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئەگەر ئەرز قىلسىڭىز مۇشۇ ئورۇنغا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا، ماددى ئىسپاتلارنى تەق قىلىش ، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى يازغان مەشرەپ ئورىگىنالىڭىزنى، ئاندىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تارقاتقان شۇ پىروگراممىنىڭ سىن لېنتىسىنى تەييارلاپ ، بىرىنچىدىن پىروگراممىدىكى ئاپتورنىڭ نامىغا ئۆزىڭىزنىڭ نامىنى يېزىش، ئىككىنچىدىن تېگىشلىك ئاپتورلۇق ھەققىڭىزنى ئېلىش (ئەگەر باشتا مۇشۇنداق دېيىشكەن بولساڭلار)نى تەلەپ قىلىپ ئەزنامە يېزىڭ .
2. ئەگەر بۇنداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز، سىز تېلىفون قىلغان شۇ رېژىسورغا قايتا تېلىفون قىلىپ، يۇقىرىقى تەلەپنى ئېيتىڭ، ئەگەر يەنە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلسا، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.
قىسقىسى، بۇنداق ئىشلارغا سەل قارىماڭ، ئىمكان بار قانۇنىي يولدىن پايدىلىنىپ ئۆز ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. |
|