- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7510
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  100%
|
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سوئالىڭىزغا رەھمەت. ئالدى بىلەن 1 ياشتىن كىچىك ئانىسى ئېمىتۋاتقان بالىلاردا كالتىسىي كەملىك كەمدىن-كەم كۆرۈلىدۇ. 5-6 ئايلىق بالىلاردا چاچ ياخشى ئۆسمەسلىك، بولۇپمۇ بىر قېتىم چاچنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ئوبدان ئۆسمەسلىك ئەھۋالى دائىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر كېسەللىك بولماستىن نورمال ئەھۋاللار دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەگەر راستىنلا كالتىسىي كەملىكىدىن گۇمانلانسىڭىز دوختۇرغا ئاپىرىپ بالىنىڭ قېنىدىكى كالتىىسي مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ.
مېغىزنى كۆيدۈرۈپ سۈركەشكە كەلسەك، مەن ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئانچە كۆپ بىلمەيمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دېگەن ئۇ رېتسىپنىڭ پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىگە بىر كەسكىن پىكىر بېرەلمەيمەن. بۇنى مۇنبەردىكى تېۋىپ ئۇستازلاردىن سورىسىڭىز شۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. مەن مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ۋەتەندىكى تىۋىب دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىرلەشتىم ھەمدە چاچ چىقىرىش ياكى چاچنى قارا، توم قىلىدىغان بەزى ئۈنۈملۈك رېتسىپلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ رېتسىپلار ياشقا تولمىغان بالىغا ماس كىلىشى ناتايىن، ھەم مەن بۇ رىتسىپلارنىڭ راستىنلا پۈتۈنلەي تەبئىي مەھسۇلاتلاردىن ياسالغانلىقى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايمەن.
سىزگە تەكلىپىم، بالىنىڭ بەدىنىدىكى كالتىسيي مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ۋە ئانىسىنىڭ كۆپرەك ئېمىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ. ئانىسى چوقۇم سۈت قاتارلىق كالتىسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلسا ياخشى. بالىڭىز بىرەر ياشقا كىرگۈچە دورا ئىشلەتمەي ساقلاپ بېقىڭ. |
|