- تىزىملاتقان
- 2012-7-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-13
- ھوقۇقى
- 0
- جۇغلانما
- 22407
- نادىر
- 28
- يازما
- 981
ئۆسۈش
  100%
|
kvx يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 16:50 
يوللىغان ۋاقتى 2 مىنۇت ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئابدۇغۇپۇر ئەبەيدۇللام دادا،
سىزنىڭ بۇ خېتىڭىز ماڭا باشقىچە يېقىملىق تويۇلدى. سەۋەبى سىزنىڭ يېشىڭىز ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ دادامنىڭ يېشىغا يېقىن بولۇپ، مەن دادامدىن 1998-يىلىلا ئايرىلىپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ دادامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىم پۈتۈنلەي يوق بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا سىزنىڭ خېتىڭىز مېنى بۇرۇنقى دادام بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلەتتى. مەن دادامنى ئاخىرقى قېتىم 1995-يىلى كۆرگەن. دادام بىلەن ئاپام شۇ يىلى ئامېرىكىغا بىزنى يوقلاپ بىر قېتىم كېلىپ، 6 ئاي تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇ چاغدا تېخى ئەمدىلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ناھايىتىمۇ كەمبەغەل ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ دادام بىلەن ئاپامنى ئامېرىكىغا ئەكىلىپ، نۇرغۇن يەرلەرنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدىم. ھازىر ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ياخشى، ئەمما مېنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ دادا-ئاپىمىزنىڭ ھەممىسى كېتىپ قالدى. ئاپام 2010-يىلى تۈگەپ كەتكەن، ئۇنىڭ توپا بېشىنى تېخىچە بىرەر قېتىم يوقلىيالمىدىم. شۇنداق قىلىش يولۇم قاچانلىققا ئېچىلىدىكىن، بىلمەيمەن.
مەن يۇرتقا، خەلقىمىزگە، ۋە تۇغقانلىرىمغا قېنىپ باقمىدىم. ئاتا-ئانامغا تېخىمۇ شۇنداق بولغان.
ئاللاھ خالىسا ماقالە يېزىشنى خۇددى سىز ئۈمىد قىلغاندەك بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمەن.
ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسىراڭ. ئاللاھغا ئامانەت! |
|