كۆڭۈلدىكى سۆزلەر
( يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ۋە چەتئەللەردە بىلىم ئېلىۋاتقان تېرىشچان دوستلارغا )
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
سېغىنىش كۆيۈكتۇر، كۆيدۈرەر دىلنى ، توختىماس ھەتتاكى ئۇنىڭ ئاغرىقى . ئاغرىسا مەيلىغۇ ،كۆيسە مەيلىغۇ ، ئالالماس ئورنىنى ئالەم شادلىقى .
كۆرگەندە تېلىقىپ يۈرسە باشقىلار ، يىغىلايسەن بەزىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ. چۈنكى شۇ يۇرتۇڭنىڭ كۈيلىرى باشقا ، بەرگەندەك دىلىڭغا زەمزەم تولدۇرۇپ .
ئەسلەيسەن سىلىسا سەلكىن شاماللار ، كۆرىسەن يۇرتۇڭنى كۆزۈڭنى يۇمۇپ . ئورمىنى ، تاغ ۋە باغ ھەتتا توپىسى ، كەلمەيدۇ خىيالدىن چىققىڭ يۇلقۇنۇپ .
سېغىنما يىراقتا يۈرگەن مۇساپىر ، يۇرتۇڭنى ،ئاتاڭنى ،ياكى ئاناڭنى . چۈنكى سەن نىشاننىڭ باتۇر جارچىسى . كۆرگىمىز يوق ئەسلا چىراي ساماننى .
ئاماندۇر سەن ئويناپ چوڭ بولغان سەينا ، تېنىچلىق سەن سۆيگەن سەھرا- شەھەرلەر. جانلىرى يايرايدۇ پەخرى سەن بولغاچ ، سەن نەپەس ئالغان شۇ گۈزەل سەھەرلەر .
سەن قانچە تېرىشتىڭ ،تىزنى پۈكمىدىڭ ، بىز شۇنچە خۇشالمىز ، غەيرەتلەر تىلەپ . تىلەكلەر مۇڭ بولۇپ كۆڭۈللۈرۈڭگە ، ياشىغىن كۈنسىرى كۆكلەپ ،پورەكلەپ .
2014-11-26
تىيەنجىن
|