- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2435
- نادىر
- 0
- يازما
- 190
ئۆسۈش
  14.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 22:48
seper يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 22:22 
ئوبدان ئىشخانىكەن.
شىنجاڭدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت مالىيىسى باقىدۇ،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنى تېخىمۇ شۇنداق.ھۆكۈمەت مالىيەسىگە تايانمايدىغان تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلغان تەقدىردىمۇ تەستىقلانمايدۇ.ئېنىقكى،تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ دۆلەت غەزىنىسىگە تاپشۇرىدىغان ۋەزىپىسى يوق،ئەگەر ۋەزىپىسى بولغان بولسا ئاللا بۇرۇن تاقالغان بولاتتى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېلانلىرى ئادەمنى ئېلاندىكى مەھسۇلاتلارغا مەپتۇن قىلىش ئەمەس ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بىزار قىلىش رولىنى ئوينايدۇ دېسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز. دىمەك،مېنىڭ مەھسۇلاتىمدىن خېرىدارلار بزار بولسۇن دېگۈچىلەر پۇل خەجلەپ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئېلان بەرسە بولىدۇ. |
|