قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2226|ئىنكاس: 19

ئەختەمكا سېزگە دەيدىغانلىرىم بار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

778

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1915
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 197
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 22:04:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەمكا سىزگە دەيدىغانلىرىم بار

   
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەختەمكا سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟ ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز شۇڭا سىز بىلەن ئەسرالىشاي دەپ بۇ قۇرلانى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .ھەممىمىزگە مەلۇمكى بۇيىل دىيارىمىزدا يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولغان لىكسىيە سۆزلەش دولقۇنى ئەۋج ئالدى "خەلپەم كۈلمەپتۇ، كۈلسە تىلىقىپ كېتىپتۇ دەپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ ئارقا-ئارقىدىن لىكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇردى، جۈملىدىن دىيارىمىز قەشقەرگىمۇ بۇيىل ئەلى مۇئەللىم، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇراخمان ئەۋف ئەپەندى، زۇلپىقاربارات ئۆز باش ئەپەندى قاتارلىق ئىلىم ئىگىلىرىمىزئارقا-ئارقىدىن لىكسىيە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇردى، مەيلى نېمىلا دىمەيلى بۇ لىكسىيەلەرنىڭ ئىجابى رولى ھەقىقەتەن ياخشى بولۇپ جەمىيىتىمىزدە بىر خىل قىزغىنلىق كۆتۈرۈلدى، "توخۇمۇ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى چىللايدۇ دەپ "لىكسىيە سۆزلەش يەنى ئۆز كۆز-قاراشلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئويغىتىش، ئويلاندۇرۇش، ھەركەتلەندۈرۈش بۇ يالغۇز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى بىلەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ خاس پاتىنتىلا ئەمەس ئۆزىنى ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى دەپ ئاتايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇ خىلدىكى لىكسىيەلەر خالىسلىق، ئاممىۋىلىقنى نىشان قىلىپ ئىلىپ بىرىلسا گەرچە بۇ لىكسىيەلەر بىر قەدەر"پاخالچىلىق "يۈزبەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر شۇلارمۇ ئۆزى بىلگىنىنى، توغرادەپ قارىغىنىنى، باشقىلارغا يەتكۈزۈپ باقسۇن.
      ئەمدى ئۆز گىپىمگە كەلسەم ئەختەمكا، شۇنداق لىكسىيە داۋاملىشىشلىرىدا قەشقەردە سېزنىڭ لىكسىيەرىڭىز سۆزلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، بۇ خەۋەر مېنى ھەم ھەيران قالدۇردى، ھەم خۇشال قىلدى، ھەممەيلەنگە مەلۇم ئەختەمكا سېز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ سەكسىنىنجى يىللىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇۋاتقان يۈرىكىڭىز داۋاملىق ئۇيغۇر دەپ سوقىۋاتقان پىشقەدەم زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى لېكىن نېمە سەۋەنلەردىنتاڭ (كىسەل بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك دەپ ئاڭلىدىم) يېقىندىن بۇيان سېزنىڭ يۈرەكنى تىترەتكۈدەك، دوپپىمىزنى قولىمىزغا ئىلىپ ئويلانغۇدەك يازمىلىرىڭىز كۆرۈنمەس بولدى، پەقەت 2009- يىللىق مىئراجنىڭ نورۇز مەشرىپىدە رىياسەتچىلىك قىلغىنىڭىزدىلا غىل -پال ئۇچراتتىم، ئەپسۇس شۇندىن كېيىنمۇ سېزنىڭ يازمىلىڭىزنى كۆرۈش نىسىپ بولمىدى .
     ئەختەم ئۆمەر ئاكا سىز 90- يىللاردا مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە بېرىپ يازغان تەسىراتلىرىڭىزدىن يېزىلغان ئەدەبى ئاخباراتىڭىزـ "يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام "ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى، ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ئۆي -ئۆيلەرگە تارقىلىپ ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغانىدى، گەرچە بۇ ئەدەبى ئاخباراتنىڭ مەلۇم دەرىجىدە سەلبى تەسىرى بارلىقىنى ئىتىراپ قىلساممۇ، لېكىن شۇ دەۋر، شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىسپەتەن ئوينىغان رولى تەسىرىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، بۇ ئەسەر ئۆزىمىزنى تونۇش، چەتئەللەرنى چۈشىنىش، ئۆزىمىزھەققىدە ئويلاشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى دىيىشكە بولىدۇ (گەرچە بىزگە يەتكۈزۈشتە مەلۇم نوقسان بولسىمۇ) بۇ ئەسەر ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان "ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ""ئۆزلۈك ۋە كىملىك ""ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار " قاتارلىق يازمىلارغا ئوخشاش ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن، ھەتتا تەسىر جەھەتتىن ئالدىنقى ئۈچ ئەسەردىن ئاممىبابلىق، ئۈنئالغۇ لىنتىسى قىلىپ تارقىتىلىش سەۋەبلىك ئىشىپ كەتتى دىيىشكە بولىدۇ.
    ئەختەمكا بۇ ئەدەبى ئاخباراتىڭىز ئارقىلىق بىزگە چەتئەلنىڭ زۇلمەت قاراڭغۇ ئىچىدە ئەمەس بەلكى يېپيىڭى بىر دۇنيالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى، ئۇيغۇرلاردىكى بەزى ئىللەتلەر قامچىلىنىپ ئېچىپ بىرىلگەندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سودىغا ماھىرلىقى، ماسلىشىشچانلىقى، مېھماندوست سەمىمى ئاقكۆڭۈللۈك قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلىرىنى مەدىھلىگەنىدىڭىز شۇڭا بۇ ئەدەبى ئاخباراتىڭىزنىڭ رولىنى بىر تىپىك بىلەنلا يوق قىلىۋىتىش بىمەنىلىك ئەلۋەتتە.
ئەختەمكا سېزنىڭ ماقالە -ئوبزور لىرىڭىزنى مەن "ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى ""يىراق قىرلاردىن ئانا يەرلەرگە سالام "قاتارلىق كىتابلىرىڭىز ئارىسىدىم كۆرگەنىدىم، سېزنىڭ ماقالە -ئوبزورلىرىڭىزدىكى مىللەتنىڭ مەلۇم توپىدىكى شەخىسلەرنىڭ ئىللەتلىرىنى بايقاش ئېچىپ بىرىش، تەنقىد قىلىش روھى ۋە ئۇسلۇبىڭىز ماختاشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن شەخىستىكى نوقۇل ئىللەتنى پۈتكۈل مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋىتىشىڭىز، يۈز بەرگەن مەسىلىلەر ۋە ئىللەتلەرنى تۈپ نىگىزى شەكىللىنىش باسقۇچى ئىچىگە تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلماستىن يۈزە پوستىنىلا كۆرۈپ بەك ئاشۇرىۋىتىلگەن تەھتىت ئىڭى، ۋە شۇ ئارقىلىق شەكىللەنگەن مىللى روھتىكى چۈشكۈنلىشىكە باشلىشى، ۋە شۇ كۆرۈنگەن مەسىلىلەرنى تۈزەش ۋە ئوڭشاشقا يول كۆرسىتىلمەسلىكى ماقالە -ئوبزورلىرىڭىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق دەپ قارايمەن.
    لېكىن كېيىنرەك يېزىلغان ماقالە -ئوبزورلىرىڭىزدا سېزنىڭمۇ مىللەتنىڭ ئېسىل خاراكتىرىنى مەدىھلەش، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاش، ئىددىيەلىرىڭىزمۇ باردەپ قارايمەن، ئومۇمەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن يېڭى ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يازغان ماقالە -ئوبزورلىرىڭىزغا قاراپ سېشنى ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلىشنىڭ، ئىللەتنى تۈزەشنىڭ  تۇنجى سىگنالىنى ياڭراتقان ئىمانى ئەركەك ئەدىب دىيىشكە بولىدۇ.
ئەختەمكا، سېزنىڭ ئەڭ  شۆھرەت قازانغان ساھەرىڭىز يەنىلا پىروزا ساھەسى بولۇشى مۇمكىن سېزنىڭ "يىگانە ئارال ""باياۋاننىڭ سىرى "قاتارلىق رومانلىرىڭىز بولسۇن، "ئاھ! رەھىمىسىز دەريا ""قىيامەتتە قالغان سەھرا ""دىلىغۇللىقتىكى سۆيگۈ ""زىمىن قارائادەملىرىڭگە "قاتارلىق پوۋېسىت ھېكايىلىرىڭىز بولسۇم ھەممىسىدە چىنلىق، ھەقىقى ساپ ھېسىيات بىلەن تەسۋىرلەپ پەقەت گىرىم قىلىنمىغان ئەسەرلىرىڭىز، يالغۇز مېنىلا ئەمەس كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىغانىدى، سېزنىڭ شېئىرىڭىزغا  تورسۇن دېھقان ئەپەندى  ئىيتقان ناخشىنىڭ مۇنۇ بىر مىسراسى تاھازىرغىچە يادىمدىن كەتمەيدۇ، قولۇمدا گۈل، بۇرنۇمدە پوتلا .....بۇ مىسرالاردىكى چىنلىق ھەقىقىيلىق مېنى شېرىن قايناملار قوينىغا باشلايدۇ.
سېزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىققىنى "يىگانە ئارال " دەپ قارايمەن، بۇ رومانىڭىزدىكى مەردلىك، سىخىيلىق، بولۇپمۇ مەكىت -دولان خەلقنىڭ چىن ئادەملىك خاراكتىرىنى، يۇرت سۆيەر، خەلقپەرۋەر، ئۆلگىچە ئەقىدىسىدىن يانمايدىغان ئوبرازىنى، گەرچە رومانىڭىزدىكى شەخىسلەرمەردلىكنى ئەلا بىلىدىغانلىقىدەك تەڭداشسىز روھى، مەندە ئۆچمەس تەسىرلەرنى قالدۇرغانىدى، مەن شۇ ئەسىرىڭىز ئارقىلىق مەكىت -دولانلىقلارغا بولغان قىزىقىش ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالغانىدى.
    سېزنىڭ باشقا ئەسەرلىرىڭىزمۇ ("باياۋاننىڭ سىرى "ماڭا بىر قەدەر ئوچۇق،پەردىشەپ قايرىۋىتىلگەندەك تەسىر بەرگەندىن باشقا) تۇرمۇش چىنلىقى، پىرسۇناژلار ھەقىقىيلىكى بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋىر ھالىتىدىن خۇشاللىنىپ بىھۇشلۇققا چۆمۈپ، ئارتۇق ماختاپ كەتمەي جەمىيەتتىكى، كەڭ يېزىلىرىمىزدىكى ھەقىقى ئەھۋالنى ئەينەن ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋەزىپىسى بىلىشىڭىز ھەقىقەتەن قايىللىقىمنى قوزغايدۇ.
سېزنى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدە تۇنجى بولۇپ 20 -ئەسىرنىڭ 50 -يىللىرىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇريېزىلىرىدىكى خەلقنىڭ بىشىغا كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى ئېچىپ تاشلىغان ھەقىقى مىللەتپەرۋەر رىئالىزىم يازغۇچىسى دىيىشكە بولىدۇ (يۇقارقى جۈملە مەلۇم تورداشنىڭ سۆزى بولۇپ بۇنىڭدىن ياخشىراق سۆز تاپالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئىشلەتتىم)
     سېزنىڭ يەنە سىنارىيەلەشتۈرۈلگەن، "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل "،"يىراق يېزىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى ""ئاھ! رەھىمسىز دەريا "قاتارلىق كىنو -تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى كەڭ خەلقمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن، بولۇپمۇ "ئەڭ ئاخىرقى كۆل "(سېزنىڭ يازغىنىڭىز بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ) ئەڭ تەسىر قوزغىغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى دىيىشكە بولىدۇ، بۇ ئەسىرىڭىز فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن 90 - يىللارازور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
    ئەمدى سېزنىڭ نۇتۇق سۆزلىشىڭىزگە كەلسەك ئەختەمكا، ئاشۇ 2009 -يىلىدىكى نورۇز مەشرىپىگە  رىياسەتچىلىك قىلغىنىڭىزدىن باشقانۇتۇق سۆزلىگىنىڭىزنى كۆرۈپ باقمىدىم، بۇمۇ بەلكىم سېز ئۈچۈن يېڭى ساھەدۇ؟  سۆزلەڭ ئەختەمكا ھىلىمۇ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر دەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىڭىز قانچىلىك پۇچىلانغاندۇ؟  ئىچىڭىزدىكى ئاھۇ -چۇقانلارنى يازغىڭىز كەلگەندۇ ؟ قەلبىڭىزدىن پارتلاپ چىققان ئوتلۇق تىلەكلىرىڭىزنى كەڭ جاھانغا، سۆيۈملۈك ئۇيغۇر خەلقمىزگە ئاڭلاتقۇڭىز كەلگەندۇ ؟ سىز بۇرۇن ئىرىشكەن شان -شەرەپ، تەنقىد -پىكىرلەر ئۇ ئۆتمۈشكە ئايلاندى، مۇشۇ بىر قىتىملىق لىكسىيەنى قايتىدىن ئۆرلەش نوقتىسى قىلىپ ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇپ سېز ۋە مەن ئۇلۇغ بىلگەن خەلقىمىزدىن بارلىقىڭىزنى ئايىماي بولۇپمۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدلىك ياشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن،خەير ئاللا ئىرادە قىلسا قەشقەردە كۆرىشەرمىز سالامەت بولۇڭ.

1

تېما

4

دوست

8229

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2127
توردىكى ۋاقتى: 648
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 14:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرنىڭ لېكسىيەسى چوقۇم يۈرەكلەرگە بارىدۇ.كۈتۈۋاتىمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1932

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 15:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيەنەڭ ۋاقتى قاچانكەن قېرىندىشىم؟؟؟؟؟؟؟خەۋەر تېېپىپ قالاي!

1

تېما

0

دوست

4080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5368
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 727
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 16:04:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەر بولدى

0

تېما

0

دوست

1519

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27571
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 496
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 20:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمۇ ھەم نىمە ئۇ ئەختەمكا دىگەن ؟ ماڭا بىر تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلار ،ئاندىن كىيىن كىنتاڭ مىنتاڭ دىگەن ئاشنىڭ سۇيى دىگەن گەپمۇ ياكى يازمىنىڭ شورپىسى دىگەن گەپمۇ ؟ ھەي باللا ،ئانا تىل دەپ شالۋىقىمىزنى ئىقىتقۇچە  ئەمەلىي ئىش قىلايلى !

1

تېما

1

دوست

1907

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 22:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bambuk يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 20:36
كىمۇ ھەم نىمە ئۇ ئەختەمكا دىگەن ؟ ماڭا بىر تەرجىمە قىلى ...

سىز نىمە.؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

0

تېما

0

دوست

1932

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   93.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22971
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 604
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 00:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bambuk يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 20:36
كىمۇ ھەم نىمە ئۇ ئەختەمكا دىگەن ؟ ماڭا بىر تەرجىمە قىلى ...


سىز ئەختەمكا منىڭ كىملىگنى راستىنلا بىلمەمسىز؟؟؟؟؟يۈرىگى ئۇيغۇر دەپ كۆيىدىغان، سۆيۈملۈك،  راست  سۆزلۈك  بىر يازغۇچىمىز بار ئو بولسىمۇ   ئەختەم ئۆمەر ......
ئەختەم ئۆمەرنى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ئاق مەسچىت ئالدىدا ئۇچراتقان ئىدىم.....ئالدىغا بېرىپ تونۇشلۇق بىرىپ ئەھۋال سورىۋالمىغىنىمغا ھازىرغىچە ئۆكىنىشىم بار.
ئەختەمكا ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن! يازمىلىرىڭىزنى سېغىندۇق!
ئاخىرىدا تىما ئىگىسىگە رەھمەت!

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەختەم ئۆمەر ئاكىمىز ، ھەممىمىز ھۆرمەتلەيدىغان قەلەم ساھىبلىرىمىزنىڭ بىرى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )