قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1035|ئىنكاس: 12

قەيسەر مىجىت: يەكشەنبىلىك يوللانمىلار...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

78

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 52
مۇنبەر پۇلى: 856
تۆھپە : 3845
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(A)

‏ھەپتە ئاخىرىدىكى پارچىلار...

‏*******************

‏(1)

‏‏بۇلبۇل بولۇپ سايراپ تۇرمىساڭ،
‏ئايلىنىپتۇ دەيمەن قۇزغۇنغا.
‏ھىس قىلمىسام سەندىن خوشاللىق،
‏ئايلىنىمەن ئۆزۈم قۇيۇنغا.

‏(2)

‏ياپراق ئىدىڭ تېخى ئۆتكەن ئاي،
‏غازاڭ بولۇپ چۈشتۈڭ ئۈزۈلۈپ.
‏يامان قىلدىڭ ئالدىمغا چۈشۈپ،
‏سۈپۈردۈممەن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.

‏(3)

‏سۆزلىمىسەم يوقالدى دىمە،
‏سۈكۈتتە بار ئاۋازسىز سۆزلەر.
‏سېزەلمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ شورى،
‏قەلبى ئۆلگەن ئەي قارا كۆزلەر..

‏(4)

‏قىزلار «ساراڭ» دىسە كۈلۈپ تۇرۇپ،
‏بۇ پەقەت ساڭا تاتلىق ئەركىلگىنى.
‏غەزەپتە دىسە ئۇلار ئاشۇ سۆزنى،
‏ئىنىقكى سۆزلىشىڭدىن چەكلىگىنى.
‏سۆيگۈنۈڭ ئاچچىق بىلەن قالسا ئىيتىپ،
‏بۇ ئۇنىڭ چىدىمىغىنى-قانمىغىنى.
‏مۇبادا ئىيتىپ قالسا جىلۋە بىلەن،
‏بۇ ئۇنىڭ سەن «ساراڭ»غا دۈم چۈشكىنى.


(B)


‏تاتلىقسەن كانادا...

‏*************

‏    ئىككى يىلدىن بۇيان مەن ھەر يىلى كاناداغا بىرىپ كىلىۋاتىمەن، چۈنكى مەن ئۇ دۆلەتنى ياخشى كۆردۈم، يەر شەكلى چىرايلىق، ئادەملىرى ئوچۇق ھەم دوستانە، جەمىيىتى نىسبەتەن كەڭ قورساق ھەم تېنچ.
‏ئەلۋەتتە ھەر بارغىنىمدا شۇ يەرلەرگە يەرلەشكەن تۇققان ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئازادە تۇرمۇشىنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم. ۋەتەن سىرتىدىن باشقا يەردە ياشاشقا توغرا كەلسە كانادا ئەڭ ئالدى بىلەن تاللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
‏    تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن ھەقىقى ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم مىنىڭ خۇلاسەمنىڭ ياخشى چىقىرىلغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
‏تېخى يىقىندا بىر روھى كىسەل بولغان، مۇسۇلمان بولغىلى ئۇزۇن بولمىغان ياش قولىغا قورال ئىلىپ پارلامنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ياش ئەسكەرنى ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ دۇنياۋى خەۋەر پەيدا قىلدى. دىموگراتىك دۆلەتلەردىمۇ ئاشقۇنلار بار، ئۇلار ئۆزىنىلا، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدۇ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ، كەمسىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا «كانادالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ-يوق؟»
‏پەلەستىنلىكلەر پۇشتىدىن بولغان ئۆمەر ئىسىملىك مۇسۇلمان بالا ئاشۇ سۇئالغا جاۋاپ تىپىش ئۈچۈن مۇنداق ئىجتىمائى تەجىربە ئىشلىگەن:
‏ئۇ ئۆزى ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىدەك كىيىنىپ كوچا ئاپتوبوزىنى ساقلاپ بىر بىكەتتە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاق تەنلىك دوستى ئېرقى كەمسۈتكۈچى قىياپىتىدە پەيدا بولۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئۇنى ئەيىپلەپ چۈشىدۇ:
‏-سەن تېررورچى، بىزگە زىيان يەتكۈزىسەن، ئاپتوبوزغا چىقما.
‏     بىكاردىن بىكار يۇۋاش بىر مۇسۇلماننىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقىنىغا ئەتراپتىكى كىشىلەر يەنى ھەممىسى ئاق تەنلىكلەر، قىرى ياش، ئەر ئايال بۇ مۇسۇلمانغا ھامى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئاق بالىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ ئارىدا بولغان دئىالوگ ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ بالا ھىلىقى مۇسۇلمان بالىنى زورلۇق بىلەن «ئىلىپ ماڭماقچى» بولغىنىدا، بىر ئاق تەنلىك ياش بالا ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىۋىتىدۇ...
‏مىنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى ھەممە كىشىنىڭ بىردەك «ئاۋۇ بىچارە، ئاجىز مۇسۇلمان بالا» تەرىپىدە تۇرۇپ سۆز قىلىشى بولدى.
‏ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ مىللەت، دىن، دۆلەت پەرقى بولمايدۇ. مۇشۇ پەرق كىچىك جەمىيەت ھەقىقى ئىناق ۋە گارمونىك جەمىيەت بولۇپ ئادەمگە شاتلىق تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ.
‏    ھەقىقەتەن تاتلىقكەنسەن كانادا، مەن قوينۇڭغا يەنە بارىمەن!.... تاتلىقتىن كىممۇ ۋاز كەچسۈن؟ «دىئابىت كىسىلى بارلارچۇ» دىمەڭلا ھە باللا، خوشۇتنىڭ ئاچچىق لازىسىدەك ئاچچىق تۇيۇلمىسۇن ئۇ گەپ!
(C)


‏ئەسكى شامال، تاتلىق خىيال ...

‏***********

‏سوغۇق كەچكۈز، كۈچلۈك شامال ئويغاتتى مىنى،
‏دەرىزىدىن نەزەر سالدىم ئەتراپلىرىمغا.
‏تۇتۇق ھاۋا، سولغان ياپراق، سۇنغان دەرەخلەر،
‏شەمشەر بولۇپ تەگدى روھى دەرمانلىرىمغا.
‏ئارزۇ قىلغان ئىدىم بۈگۈن قۇياشلىق سەھەر،
‏دۇئا قىلغان ئىدىم ھەتتا ئۇيقۇدىن بۇرۇن.
‏مادارىمغا زەخمە يەتتى بۇ ھالنى كۆرۈپ،
‏قەلبىم مىنىڭ يىتىپ قالدى ۋاي ئورۇن تۇتۇپ.
‏كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالاي، خىياللىرىمدىن-
‏سەن بەرمىگەن ھارارەتنى -راھەتنى ئىزدەپ.
‏شىرىن چۈشنى بۇزۇۋەتسە مەس بولغان شامال،
‏شىرىن خىيال چۆگىلەيدۇ كۆڭلۈمنى بەزلەپ.

(D)


‏خەلىقنىڭ چاكىرى-شەھەر باشلىغى مەنىنو

‏**************************


     بۈگۈن بوستون تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل شەھەر باشلىغى بولغان مەنىنو ئەپەندى 71 يىشىدا راك كىسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.
‏مەن بوستونغا تۇنجى قىتىم كەلگىنىمدە مۇشۇ ئادەم شەھەر باشلىغى ئىكەن. بۇ شەھەر ئۇنىڭ رەھبەرلىگىدە نىسبەتەن تېنچ، ئاۋات ھەم گۈللەنگەن شەھەرگە ئايلاندى.
‏   مەن ھەممىدىن بۇ ئادەمدىكى ئاددى-ساددىلىق، كەمتەرلىك، تۈز سۆزلۈك، خەلقچىللىق ۋە ئىنسانچىلىققا بەكلا قايىل بولدۇم.
‏ئۆزى ئىگىز بويلۇق، ئۇسقانلىق كىشى بولۇپ ئىنگلىز تىلىنى قويۇق بوستون تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتى
‏   ئۇ ئادەم -ھەقىقەتەن كىشىلەر تەلپۈنىدىغان غايىۋى ئامىرىكىنى يەنى ھەممە ئادەم دىن، ئىرقى، ۋە كىلىپ چىقىشىنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممە ئادەم باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك دىگەن ئەقىدىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە كۆپ تىرىشقان ئادەم ئىدى. بوستوننىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدا شەھەر خىزمەتچىلىرىنى كەينىگە سىلىپ كوچىدا ئۇخلاپ ئۆلۈپ قالىدىغانلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشاتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشكە بەك كۈچەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلغىنىنى -پەخرلىنىپ سۆزلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان بىر ياخشى ئىشى بار.
‏يەنى بازار باھاسىدا 20 مىليون دوللارغا يارايدىغان زىمىننى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىمىز كۆپۈيۈۋاتىدۇ، ئازادە ئىبادەت قىلىدىغان ئورنى بولمىسا بولمايدۇ دەپ 600،000 دوللارغا سىتىپ بەرگىنىدۇر!
‏   باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئاز سانلىقلارغا، ئاجىزلارغا مېھر يەتكۈزۈشتىنمۇ ئارتۇق ئۇلۇغلۇق بولامدۇ دۇنيادا؟
‏   مەن ئاددى-ساددا ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ قەلب ئىگىسىنىڭ ئاخىرەتلىگىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن!

(E)



«جىن» بولۇۋىلىپ ياما ئاش ئىچىش...

‏****************

‏      بۈگۈن ئامىرىكىدا «جىن بايرىمى». ئەمىليەتتە بۇ بايرام ئۆسمۈرلەر ۋە بەزى ياشلار ئۈچۈن.
‏     «جىن» ھەققىدە ھەرقايسى خەلقلەردە ھەر تۈرلۈك قاراشلار بار. بەزىلەر «بار» دىسە، بەزىلەر «يوق» دەيدۇ.
‏     بىز مۇسۇلمانلار جىن-شەيتاننىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمىز. ھىلىھەم ئۆيدە يالغۇز قالسام «جىن» ۋەسۋەسىسى مىنى تەرلىتىپ قويۇدۇ، بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ، ئەتراپىمغا «سۈف»لەپ بىشىمغا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە قۇرئانلارنى تىزىۋىلىپ ئاندىن ياتىمەن. جىنغا كەلگەندە ئىسمى «قەيسەر» بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنچىلىك مانا كۆپچىلىك. ماڭىغۇ كۈلۈڭلار ماۋۇ راست بولغان ۋەقەدىكى موللامغا نىمە دەيسىلەر؟:)
‏ئۇ يىللىرى كوممۇنا تېخى مەۋجۈت. ئەترەتتىن ئىشلىگەن نومۇرغا كەلگەن ئاشلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ قوسىغى تويمايدىغان چاغلار ئىكەن.
‏دادامنىڭ ئاتۇش ئۈستۈنئاتۇش ساي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە ئىنىسى 16-17 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ ئۆزى شوخ ھەم خوشال يۈرۈيدىغان بالا ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ مەسجىدتە بىر مۆمىننىڭ «جىن راست بارمۇ؟» دىگەن سۇئالىغا ئىمامنىڭ «بار، بار بولمامدىغان، جىن كەچلەردە پەيدا بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگىنىگە دىققەت قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ قوسىغىغا «جىن» كىرىپتۇ.
‏       تۇققىنىمىز -يازنىڭ شۇنداق بىر گۈزەل ئايدىڭ كىچىسى ئىمىناق خەپىتىم دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىمامنىڭ كەچتە قوشنا كەنتكە خەتنە قۇرئان ئوقۇشقا بارىدىغانلىغىدىن خەۋەر تىپىپتۇ-دە، دادىسىنىڭ قىشتا كىيىدىغان يۇڭلۇق جۇۋىسنى تەتۈر كىيىپ باشقىلارغا تۇيدۇرماي «ئەمەت ئۇچار» دىسە يۇرتتىكىلەرنى سۈر باسىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ يىنىدىكى  ھىلىقى خەپىتىم ئۆتىدىغان ئادەم ئاز ماڭىدىغان يول بويىدىكى ئىرىقتا مۆكۈنۈپ يىتىپتۇ.
‏تۈن يىرىمى بولاي دىگەندە ئىمىناق خەپىتىم ئىشىكىگە مىنىپ يولدا پەيدا بوپتۇ. تۇققىنىمىز خەپىتىمنى ئۆتكۈزۈۋىتىپلا ئىشەكنىڭ كەينىدىن يورغىلاپتۇ. كەينىدىن «شىپىر شىپىر» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان خەپىتىم كەينىگە قاراپ قورقۇپ كىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىراپ ساپتۇ. ئايەت ئوقۇيدىكەن-دە، «جىن»غا قاراپ «سۈف» لەيدىكەن، ھەر «سۈف» لىگەندە «جىن» كەينىگە داجىيدىكەن، ئاندىن يەنە ئەگىشىدىكەن، خەپىتىم «سۈف» لىگەندىن كىيىن يەنە داجىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ  «جىن» خەپىتىمنىڭ ئۆيىگىچە ئەگىشىپ بىرىپتۇ، خەپىتىم ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆيدىكىلەرگە ۋاقىرىغاندىن كىيىنلا، «جىن» غايىپ بوپتۇ.
‏ئەتىسى، جامائەت خەپىتىمنىڭ ئۆيىگە ياما ئاشقا نەزىرىگە چاقىرىلىپتۇ.
‏تۇققىنىمىز جامائەت بىلەن نەزىرىگە كىرسە خەپىتىم ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغان، ئېغىزلىرىغا قوقاق چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئاغزىدا تۈنۈگۈن ئۆزى كۆرگەن «جىن» نىڭ ھىكايىسى...يا ئاللا قورقۇپ تاس قالدىم ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى، ياخشىمۇ ئايەتلىرىم كۈچلۈك كەلدى...دەپ سۆزلەۋاتقۇدەك
‏تۇققىنىم ئىچىدە كۈلۈپ  ئوخشىتىپ ئىتىلگەن يامىسىنى ئىچىپتۇ. كوممۇنا قەھەتچىلىگىدە بۇ ئاش تازا تىتىپتۇ، ئۇنىڭغىلا ئەمەس، جامائەتكە!
‏بۇنى ئاڭلاپ «جىن» بولاپ كىتىشمىسىلە جۇما ھەقاسىلىرى، ھازىر خەقتە قان بىسىمى ئېغىر:)

(F)

     بەك مودا قوغلىشىپ كەتسەڭ، تۇرمۇشتا ھىرىپ ياشايسەن! ۋاقتىڭنى يىتىشتۈرەلمەيسەن، كۆڭلۈڭنى ئازادە تۇتالمايسەن، بەلكى پۇلۇڭنىمۇ يەتكۈزۈپ بولالماي بىشىڭنى بېسىم  بىسىۋالىدۇ. نە ھاجىتى بۇنداق قىيلىنىپ ياشاشنىڭ؟ ھەر بىر كۈنۈڭنى تېنىڭ پاكىز، روھىڭ كۆتۈرەڭگە ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزەلىسەڭ-مانا بۇ دوراشقا تىگىشلىك ھەقىقى مودا.
‏شۇندامۇ -يا ئوغاۋاللا، ئاي-خېنىملا؟





0

تېما

0

دوست

636

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا.
قەيسەركامنىڭ خۇشچاقچاقلىقىنى بەك ياقتۇرىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

636

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانادا ھەققىدە بۇدا بىر ماقالە يېزىپ، ئۇ دۆلەت ھەققىدى ھېس تۇيغۇلىرىڭىز ۋە ئۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدە خەۋەر بېرىشىڭىزگە بەك ئىنتىزار بولۇۋاتىمىز قەيسەركا.

0

تېما

3

دوست

2333

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ مىللەت، دىن، دۆلەت پەرقى بولمايدۇ. مۇشۇ پەرق كىچىك جەمىيەت ھەقىقى ئىناق ۋە گارمونىك جەمىيەت بولۇپ ئادەمگە شاتلىق تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ.
ئادەمگە ياقىدىغان موھىم ياخشى گەپتىن بىرسى باركەن.

0

تېما

0

دوست

105

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32068
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئاز سانلىقلارغا، ئاجىزلارغا مېھر يەتكۈزۈشتىنمۇ ئارتۇق ئۇلۇغلۇق بولامدۇ دۇنيادا؟
‏   مەن ئاددى-ساددا ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ قەلب ئىگىسىنىڭ ئاخىرەتلىگىنىڭ ياخشى بولۇ  بەك مودا قوغلىشىپ كەتسەڭ، تۇرمۇشتا ھىرىپ ياشايسەن! ۋاقتىڭنى يىتىشتۈرەلمەيسەن، كۆڭلۈڭنى ئازادە تۇتالمايسەن، بەلكى پۇلۇڭنىمۇ يەتكۈزۈپ بولالماي بىشىڭنى بېسىم  بىسىۋالىدۇ. نە ھاجىتى بۇنداق قىيلىنىپ ياشاشنىڭ؟ ھەر بىر كۈنۈڭنى تېنىڭ پاكىز، روھىڭ كۆتۈرەڭگە ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزەلىسەڭ-مانا بۇ دوراشقا تىگىشلىك ھەقىقى مودا.
‏شۇندامۇ -يا ئوغاۋاللا، ئاي-خېنىملا؟

شىنى تىلەيمەن!بۇ  قۇرلار  ماڭا  بەك  ياقتى.  تىما  ئىگىسىگە  رەخمەت!

0

تېما

1

دوست

2105

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5212
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 180
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulla350 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 17:26  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر قېرىندىشىم! ئۆزەڭنىڭ ۋەئائىلە بالا چاقىلىرىڭنىڭ سالامەتلىگى ياخشى خاتىرجەم كىتىپ بارامدۇ؟ بۇ تېمىلىرىڭ نەخ يۈرەككە تەگدى رەھمەت!
يۇرۇتقا كېپقالساڭ ئويتاغ تەرەپلەرگە كىلىپ بالىلىق چاغلىرىڭنى ئەسلىگەچ كۆرشۈپ،ھالمۇڭ بوپ كىتەرسەن!






0

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23663
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىموگراتىك دۆلەتلەردىمۇ ئاشقۇنلار بار، ئۇلار ئۆزىنىلا، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدۇ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ، كەمسىتىدۇ.

_____________

مەسىلەن ئۇلار قايسى خىل جەھەتتە ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ؟ كەمسىتىدۇ؟   مېنىڭ كاللامدىن پەقەت ئۆتمىگىنى، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئاشقۇن دەپ قارالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشقۇنلىقى نېمە؟ نېمە سەۋەبتىن ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ؟ ئۇلاردىكى ئورتاق ئىدىيە، مەقسىدى نېمە؟  بۇ ئىدىيەنى قەيەردىن قۇبۇل قىلغان؟ كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان؟
مۇشۇ توغرىسىدا بىلسىڭىز، چۈشۈنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

0

تېما

3

دوست

1305

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 302
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-27
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ، قەيسەر ئاكامنىڭ بۇ يازمىسىدىكى ھىلقى شەھەر باشلىقىنىڭ ئىش - ئىزلىرى بەك يارىدى ، بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىمۇ مۇشىنداق شەھەر، ناھىيە ..........باشلىقلىرى بۇلسا جەميىتىمىز قانداق گۈزەل بۇلۇپ كىتە ھە دوسلا ھەيييييييييييييييي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )