بۇ ئۆي كىمگە تەۋە بولىدۇ؟ ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى
تۈنۈگۈن بىردوستىمىز تېلېفوندا بىر دىلو توغرىلىق مۇنداق مەسلىھەت سورىدى: "570مىڭ يۇەنگە ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى تۈزۈپ، ئالدىن 70مىڭ يۇەننى رەنە ھىساۋىدا بىرىپ:" ئەگەر ئۆينى ئالماي قالسام 70مىڭ يۇەندىن كىچىمەن، ئۆي ئىگىسى ئۆينى باشقىلارغا سېتىۋىتىپ قالسا70مىڭ يۇەننى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ."دىگەن مەزمۇندا توختام تۈزگەن ئىدۇق. كىيىن راستىنلا بۇ ئۆينى باشقىلارغا 800مىڭ يۇەن قەرزگە ھىساپلاپ سېتىۋىتىپتۇ ھەم ئۆينى بىكارلاپمۇ بىرىپ بوپتۇ، لىكىن مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋانامىسىدىكى نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرمەپتۇ.بۇ خىل ئەھۋالدا توختام بويىچە، ھوقۇقىمنى يۈرگۈزۈپ ئۆينى قايتۇرۇپ ئالالامدىم؟"
بۇنىڭغا مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم:
مەزكۇر دىلودا ئۆي-مۈلۈك ئېلىم-سېتىم توختامى كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ. يەنى توختاملاشقۇچى ئىككى تەرەپ توختامنىڭ ئاساسلىق ماددىسى توغرىلىق كىلىشىپ، بىرلىككە كەلگەن بولسىلا توختام شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئۇندىن باشقا «توختام قانۇنى»نىڭ 53-ماددىسىدىكى كۈچكە ئىگە بولمايدىغان توختام دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىغى ئۈچۈن، مەزكۇر ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى قانۇنى كۈچكە ئىگە توختام بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، قەرز ھوقۇقى بىلەن مۈلۈك ھوقۇقى بىر-بىردىن ئايرىلغان ئىككى خىل ھوقوق بولۇپ، ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامى كۈچكە ئىگە بولغانلىق بىلەن، نامىنى يۆتكەش رەسمىيتىنى بىجىرمىگەن بولسا، مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋانامىسىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ باشقا يەنە بىرىگە ئۆينى سېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. لىكىن ئۆي ئېلىم-سېتىم توختامىدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، رەنە پۇلىسىنى قارشى تەرەپكە ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ. «توخـتام قانۇنى»نىڭ 116-ماددا بەلگۈلمىسى بويىچە، رەنە پۇلى بىلەن توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىسنىڭ بىرىنىلا تاللاشقا بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ئۆينى ئېلىش نىيىتىڭىز قەتئى بولۇپ، ئۆي ئىگىسى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ئارقىلىق نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بولالمىغان ئەھۋالدا،سىزنىڭ سوتقا ئەرز قىلىپ ئۆي ئىگىسى بىلەن بولغان توختامنى كۈچكە ئىگە قىلىپ، نامىنى يۆتكەپ بىرىشىنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.شۇڭا،دەرھال سوتقا ئەرز قىلىپ،نامىنى يۆتكىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامان ساقلاش ئىلتىماسى قىلىش ياكى ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسىغا بىرىپ تەييارلىق تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىجىرىشىڭىز كىرەك.
|