- تىزىملاتقان
- 2012-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2157
- نادىر
- 0
- يازما
- 136
ئۆسۈش
  5.23%
|
ئالدىنقى يىللاردا مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستوتىنىڭ پىروففىسۇرى،مەمىلكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى بولغان بىر ئايال ۋەكىل دېھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئالى مەكتەپتە ئۇقۇماسلىغى كېرەك دىگەن تەكلىپنى سۇنغاندا دەماللىققىنا پۈتۈن مەمىلكەتتىكى دېھقان خەلىقىنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىغان،بىر مەھەل بۇ تەكلىپنىڭ ئارقا كۈرۈنۈشىنى مۇھاكىمە قىلىشقان،تېلۋۇزۇرلاردا مۇشىنىڭغا ئائىت ئەمىلى تۇرمۇش مىساللىرى كۆرسىتىلىشكە باشلىغان.ئىسىمدە قېلىشچە بىر دېھققانىڭ ئەليۇل ئەلا بالىسى چىڭخۇا داشۇگە ئۆتكەندە دادىسى بالىسىنى ئۇقۇشقا ماڭدۇرمىغان،بالىسى كۈنلۈپ كۈنلەپ تالا تۈزگە چىقماي تۇرۇۋېلىپ قاتتىق ئازاپلانغان،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالغان،ئاتا-ئانىسى ئۇقۇش پۈتتۈردىغان ۋاقىت 7يىلغا ھىساپلاپ ئايمۇ-ئاي،يىلمۇ-يىل ئۇقۇش،تۇرمۇش پۇللىرنى كۆڭلىدە ھىساپلاپ يۇشۇرۇن يىغقان.7يىل توشقاندا ئاتا-ئانىسى بالىسىنى چاقىرىپ 7يىللىق ئۇقۇش پۇللىرىغا ھىساپلاپ ئۇقۇغان بولساڭ مۇشۇ پۇللار يوق بولغان بۇلاتى،ئەمدى بۇ پۇللار سىنىڭ بولدى دەپ ئوغلىغا 7خالتا پۇلنى تۇتقۇزدۇ.ئوغىلى شۇ پۇلغا تايىنىپ شېركەت ئېچىپ مىليۇن يۈەن پۇل تاپىدۇ.ئىگىلىگى كۇنسايىن راۋاجىلىندۇ.بۇلارنى ئويلاپ باقساق ھېلىقى دېھقاننىڭ خاتا كەتكەن جايلىرىنى سىزەلمەيمىز.زادى بۇ دېھقاننىڭ بۇ قىلغىنى توغرىمۇ يوق؟بۇنى تورداشلار مۇلاھىزە قىلىپ باقساق بۇلىدۇ.بەلكىم باللىرىنى مەكتەپتىن چىكىندۈرۋاتقان ئەشۇ دېھقاننىڭ كۆڭلىدە ئويلىغان دەرت ۋە پىلانلىرى بۇلۇشى مۇمكىنلىگىنى چەتكە قاقساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە.مەنمۇ دېھقاننىڭ بالىسى،ھازىر كادىر،لىكىن كادىر بۇلۇپ قالغىنىمغا پۇشايمىنىم بار.شۇنداق بولسىمۇ ئۇقۇماسلىققا،بىلىم ئالماسلىققا قارشى ئەمەس. |
|