بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 02:00
قار گۈللىرى مېنى ھىدلاپ چۈشمەكتە
يۈسۈپ نەمەنشاھ شېئىرى ۋە فوتوسى
يۈسۈپ نەمەنشاھ فوتوسى
قار گۈللىرى مېنى ھىدلاپ چۈشمەكتە، شۇ ھىدىدىن يۈرەكتە ئوت كۆيمەكتە. سەۋدا بولدۇم ئىشقىڭ ماڭا تۇتاشتى، ئوتلىرىمدا پەرۋانىلار ئۆلمەكتە.
قار گۈللىرى مېنى ھىدلاپ چۈشمەكتە، شۇ ھىدىدىن تەنگە سۆيگۈ سىڭمەكتە. مەردانىڭمەن ئەي چىرايلىق قار گۈلى، چىن مودەنىم ياشلىرىڭدىن ئۈنمەكتە.
قار گۈللىرى مېنى ھىدلاپ چۈشمەكتە، شۇ ھىدىدىن بولبۇلگويا كۈلمەكتە. سىڭىپ كەتتىڭ لەۋلىرىمگە قار گۈلى، مەنمۇ سىڭەي يۈرىگىڭگە مەڭگۈگە.
2014-يىل 14-نويابىر قومۇل (قومۇلدىكى تۈنجى قارغا بېغىشلايمەن)
|