- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7510
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم @katrina،
ماڭا يوللىغان سالىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ماڭا ئىشىنىپ ۋە مۇنبەردىكى باشقىلارغىمۇ ئىبرەت بولۇشىنى، ياخشى ئۇسۇللار بولسا باشقىلارغىمۇ ئۇچۇر بولۇپ قىلىشىنى كۆزلەپ بۇ شەخسىي مەسىلىنى مۇنبەر يۈزىدە تېما يېزىپ مەندىن سوراپتۇ، دەپ چۈشەندىم. مۇشۇنداق ئويلىغىنىڭىز ئۈچۈن خۇرسەن بولدۇم. ئالدى بىلەن بىر قىسىم تورداشلار ئېيتقاندەك مەن بىر دوختۇر ئەمەس، ئەمما ھايۋانشۇناسمۇ ئەمەس. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىدا ھايۋانشۇناسلىقتا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان بولساممۇ، ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان كەسپىم فىزىئولوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە ھازىرمۇ مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارنى تەجىرىبە قىلىش ئارقىلىق ئىنسان سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولغان تەتقىقاتلارنى قىلىۋاتىمەن. بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن كىىشىلەرگە نوپۇزلۇق مېدىتسىنا ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەن ئىدىم ۋە كەسىپ دائىرەمدە بەزى مېدىتسىناغا ئائىت ماقالىلەرنىمۇ يازغاچقا كەترىنا نىڭ مەندىن سوئال سورىشىدىن ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ كۆپىيىش فىزىئولوگىيسىگە ئائىت تېمىلاردا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن مەن سىزنىڭ سوئالىڭىزغا ھەر ھالدا يامان ئەمەس جاۋاب بېرىپ سىزگە كېرەكلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە كۈچۈم يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئالدى بىلەن سىز دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنى سۈرەتكە تارتىپ ماڭا ئەۋەتسىڭىز، شۇنىڭغا ئاساسەن بىر نېمە دەي چۈنكى سىز ئىشلەتكەن سۆزلەر كەسپىي سۆزلەر بولمىغاچقا سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىز بىلەن دوختۇرنىڭ دېگىنى ئوتتۇرىسىدا پەرق بولۇپ قالسا ئۇ ھالدا جاۋاب ماس كەلمەي قالىدۇ. ھازىر ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا مېنىڭ ۋاقتىم يېتىدۇ، شۇڭا تىزراق دىئاگنوز قەغىزىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، مەن ئىككى كۈن ئىچىدە سىزگە تەپسىلىي جاۋاب قايتۇرىمەن. رەھمەت!
|
|