- تىزىملاتقان
- 2013-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19767
- نادىر
- 0
- يازما
- 252
ئۆسۈش
  24.42%
|
ئۆزۈم خەنزۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەيمەن ، مەكتەپتە ئوقىۋاتقان ۋاقىتلاردا كىچىككىنە ئىگىلىكلەرنى ‹‹ تىكلەپ ›› تۇرمۇشۇمنى قامدىغانمۇ بولدۇم ، مايۈننىڭ بىر گېپى مېنى كۆپ ئويغا سىلىۋەتتى ، ئۇ بولسىمۇ شارائىتنى ئۆزى ھازىرلاش كېرەك ! مۇشۇ چاغچىقە شارائىت كۈتۈپتىمەن ... راست گەپنى قىلسام تەۋەككۇل قىلىپ باققىم بار ، خىياللىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇم بار ! مەيل؛ى مەغلۇب بۇلاي ، بەلكىم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇمۇ مۇۋەپپىقىيەت بولىشى مۇمكىن ، مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئۆمۈر خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئائىلىسىنى قامداپ ئۆتكەن تۇرمۇش مەغلۇب بولغان بولىدۇ ! ئەلۋەتتە بۇ شەخسىي قاراش . ىەزنلۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەش ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى . بىز كۆزگە ئىلمايدىغان ھەتتا ئاللىبۇرۇن نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن ئەڭ ئاددىي قائىدە ئۇقۇملار ئەمەلىيەتتە بىزنى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىتالايدىكەن ، كىچىگىمىزدە ئاپىمىز بىزنى ئەتىگەن تۇرۇشقا ئۈندەيتتى ، مەكتەپكە بېرىپ بۇنى ئۇنتۇدۇق . ئەتىگەن تۇرمىغان ئادەم ئاللىبۇرۇن يېرىم كۈنلۈك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىدىكەن . ئوقۇتقۇچىمىز ۋاقىتنى چىڭ تۇت دىدى ، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ۋاقىتنى پەقەت ئىمتىھانغىلا چىڭ تۇتتۇق ، نۇرغۇن ۋاقتىمىز بىكار ئۆتۈپكەتتى ، ئەمدى ئويلانساق بىز نۇرغۇن ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇپتىمىز . بىز ھاياتىمىزنى قەدىرلىمىدۇق . ئالدىمىزدىكى يول ئۇزۇن كۆرۈنىدىكەن ، ئەمما مېڭىپ بولغاندىن كېيىن قارىساق دەل ئەكسىچە !!!!!!! ئاتىمىز بەلنى چىڭ باغلا دىگەن ، قىلالىدۇقمۇ ؟ بىز ئېغىزىمىزدا شەھەر ئېلىۋاتىمىز ، نەزىرىيەنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋاتىمىز ! ھەي .... بىز ئاھ ئۇرۇش بىزگە ھارغىنلىقنى ئەسلىتىدۇ ! تىرىشايلى قېرىنداشلار ... سۆزلىسەم گەپ جىق بولۇپ كىتىدىكەن ! |
|