- تىزىملاتقان
- 2014-11-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 117
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
  39%
|
خاتالىشىپتىمەنمۇ؟
ماقالىنىڭ «مەدەنيىلىشىش ساراڭلىقىغا تەنقىد: دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىيلىق» ناملىق ماۋزۇسىغا قاراڭ. نىمدىگەن ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق ماۋزۇ ھە!
دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىيلىقنىڭ 35 يىل مابەينىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە دورالغان بەش خىل ئۇسسۇلدىن باشقا ئىپادىلىرى يوقمۇ؟ دورالغان مەدەنىيەت ۋە شەكلەن زامانىۋىلىقنىڭ ھەممىسى چەتتىن كىرگەن شۇ بەش ئۇسسۇل ئارقىلىقلا تۈگەمدۇ؟؟؟؟
ماۋزۇنىڭ ئۇلۇغلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما، ماقالىدە ئېلىنغان يۈزەكى مىساللار ۋە ياپتا تەھلىللەر ماقالە ماۋزۇسىنى تويۇندۇرالماي «قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق» بولۇپ قالغان. بۇنداق ماقالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھېسسىياتچان ستودىنت يازغان بولسا مىر نەرسە دىمەس بوغۇيتۇم. بۇ ماقالىگە «بەش خىل دورىما ئۇسسۇل توغرىسىدىكى ئويلار» دەپ ماۋزۇ قويۇلسا ماقالىنىڭ تېيىزلىقىغا لايىق ماۋزۇ بۇلاركەن.
زۇلپقار ئەپەندىنىڭ «پاراۋان باج ئىدارىسىدىن چاپاننى دولىسىغا سېلىپلا چىقىپ كەتكەن» نوچىلقىنى ئۇ كىشىنىڭ يازمىلىرىدىمۇ نەچچە قېتىم ئۇچراتقاندەك قىغانتىم. بۇ يەردە سىز يەنە دەپسىز. ئۇنىڭ بۇ ئىشى مىللەت ئۈچۈن قىلىنغان بەلەن ئىش دىيىلگەن تەقدىردىمۇ، بەلەن ئىشقا ھە دىسىلا مىننەت قىلىنىۋەرسە شۇ بەلەن ئىشنى بارغانلا يېرىدە سۆزلەپ يۈرگۈچى كىشىلەر قەلبىدە بىر لاۋزا بايقۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، بەلەن ئىشنى يىپچى خوتۇنغا ئوخشاش ھەممە يەدە سۆزلەۋەمەڭ مەنچە.
گېپىڭىزگە قارىغاندا ئىدارىدىن چاپاننى دولىسىغا ئېلىپ چىقىپ كەتمىگەنلەر (گېپىڭىز بويىچە بولغاندا مەن ۋە باشقىلار) شەرەپسىز بىر ئىشنى قىپ قويغان گۇناھكارلاردىن، تىل تۇتىقى بارلاردىن ئوخشايمىز. تەپەكۇرىڭىزغا بارىكاللا.
|
|