- تىزىملاتقان
- 2012-8-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2457
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
  15.23%
|
apandim111 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-12 23:25 
بۇ خەۋەر بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ھەققىقەتەن بىر خوش خەۋ ...
بۇ ئىشلار قەشقەر ۋىلايىتنىڭ يىڭسار ناھىيسىدە ئەمەلگە ئاشتى. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئازتولا ئەمەس، راۋرۇس جاپادىن قۇتۇلغان ئىدۇق. ئەمما، لىكىن ،بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جاپاغا قالدۇق. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتنىڭ يىڭسار ناھىيسىدە شۇنداق بىر ئاجايىپ سىياسەت يۇرگۇزلىۋاتىدۇكى، ناھىيە تەۋەسىدىكى 45ياشتىن تۆۋەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ھەركۇنى كەچ سائەت 7:00دىن 9:00گىچە، شەنبە كۇنى چۇشتىن بۇرۇن ‹‹قوشتىل ›› ئۇگنىش كۇرسىغا مەجبۇرى قاتناشتۇرلىۋاتىدۇ. كۇندە 8سائەت ئىشلەپ، ھىرىپ چارچىغاندا كەچتە ئۇگنىش قىلسا، ئادەمنىڭ كاللىسىغىمۇ دەرىس كىرمەيدىكەن. تىخى تۇنۇگۇن كەچتە بىر ئايال ئوقۇتقۇچى چارچاشنىڭ دەستىدىن يۇرەك كىسلى قوزغۇلۇپ سىنىپتا ھۇشىدىن كەتتى، ھازىرغىچە ئۇلۇك- تىرىكلىكنى بىلمىدۇق.
چارچاش بەك ئېغىر بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە كەچلىك تاماق مەسىلىسى، باللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى كىشنىڭ بىشىنى قاتۇردىغان ئىش بولۇپ قالدى.ئۇرۇق -تۇققانلارنىڭ قىشىغا ئاپرىپ قويايلى دىسەك، بۇ بىر-ئىككى كۇنلۇك ئىش ئەمەس ئىكەن. 2يىل مۇشۇ تەرىزدە ئۇگىندىكەنمىز.ھەييى بۇ كۇنلەر قاچانمۇ ياخشى بولۇپ كىتەر؟؟؟ بولمىسا پارتىيمىزنىڭ سىياسىتى ناھايتى ياخشى، ھەپتىدە 5كۇن ئىشلەپ،2كۇن ئارام ئېلىش. |
|