بىر يېڭى شەيئىنىڭ بىر رايۇن ياكى مىللەت ئىچىدە پەيدا بولۇشى، شۈبھىسزكى، شۇ توپ ۋە مىللەتنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇرىنى بېيىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇ خىل بېيتىش شۇ توپ ۋە رايۇن ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇ شەيئىگە بولغان خلمۇ -خىل كۆز قاراشلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھەرخىل نوقتىدىن چىقىپ ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ مۇنازىرىلەر ماھىيەت جەھەتتىن ئېيىتقاندا شەيئىلەرنى تۇنۇش ۋە بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش ۋە ھېرسىلىكتۇر.ئەتىراپىدا پەيدا بولغان شەيئى ياكى ھادىسىگە بىپەرۋالارچە قاراش بولسا روھىي بېكىنمىچىلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ ،بۇ ئاقىۋەتتە شۇ توپنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقىمىغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچارقىلىدۇ.چۈنكى«مىللەت ئۇرۇشتا مەغلۇب بولمايدۇسۈكۈتتە مەغلۇپ بولىدۇ» شۇ جۈملىدىن ئەتىراپىدىكى ھەر بىرھادىسىگەسوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھېچ بولمىغاندائۇ ھەقتەئىككى ئېغىز باھا بېرىپ قويۇشمۇ ئۆزىنىشۇ توپنىڭ ئەزاسى سانايدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بۇرچى.
يېقىندا ،سەنئەت ساھەيىمىزدە پەيدا بولغان «يىپەك يولى ساداسى»پىروگگىراممىسىمۇ مانا مۇشۇنداق يېڭىدىن پەيدا بولغان (گەرچە مەملىكەت ۋەدۇنيا مىقياسغا نىسبەتەن ئۇنداق سانالمىسىمۇ) شەيئى بولۇپ ، ئۇمۇ مەنچە بىزدىن يېڭىدىن باشلانغاندا سادىر بولىدىغان ياكى كەتكۈزۈپ قويغان يەرلەرنى ۋە ياخشى تەرەپلەرنى سۈكۈتتە تۇرماي كۆرسىتىپ بېىشىمىزنى كۈتمەكتە .
مەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام ، مۇشۇنداق يېڭى ھادىسە ۋە شەيئىلەرگە ئالاھىدە قىززىقىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تورغا يوللانغان ھامان كۆرۈپ چىقتىم . ھەم مۇشۇنداق مەملىكىتىمزدە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر پىروگگىراممىنىڭ ئادىل رىقابەت سورۇنىنىڭ بىزدىمۇ پەيدا بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم سۈرەتكە ئېلىش ،سەھىنە جابدۇقى ،سەھىنە بېزىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاساسەن خەنزوچە ئەسلىدىكى پىروگگىراممىدىن جىق ئارقىدا قالمىغان بولۇپ ، بۇ تەرەپتىن مېنى خېلى خوشال قىلدى.ئۇندىن باشقا پىروگگىراممىغا يەنە شىنجاڭلىق كۆپ سانلىق كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق ، ئەلنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ يېتەكچى بولغىنى مېنىڭ كۈتكىنىمدەك چىققان بولۇپ ، بۇ مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى.ئەمما ئىككى ساننى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مەن بۇ پىروگگىراممىدا نېمىدۇر بىر نەرسە كام قالغاندەك تازا ئۇسسىغان يېرىمگە بارمىغاندەك ھېس قىلدىم . ئۇ زادى نېمە ؟ يەنە كۆرۈپ، كۆپ ئويلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن بولسا كېرەك دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم :
1. پىروگگىراممىغا قاتناشقان ئارتىسلارنىڭ كەيپىياتنى كونتىرول قىلىشى ياخشى ئەمەس ،جىددىيلىشپ،ئاۋازى قېيىپ كېتىدىغان ، سەھنىدە ئەركىن بولالمايدىغان مەسلىلەر ئىنتايىن ئېغىر . بۇ ئۇلارنىڭ مەشىقىنىڭ ئىنتايىن يىتەرسىز ئىكەنلىكنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەنئەت تەجىرىبىسىنىڭ ئىنتايىن كەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .
2.مۇسابىقىگە قاتناشقان ئارتىسلادا سوئاللارغا باللارچە ئويلانماي جاۋاب بېرىش ، تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بېرىش ،ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى راۋان ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك ،قسقىسى ،ھېچقانداق نەزەرىيۋى چوڭقۇرلۇق يوق.
3پىروگگىراممىدا ئادەمنى قىينايدىغان بىر خىل سۈكۈت ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ،بىر ناخشىچى ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلاردا سوئال سوراشنى ياكى گەپ باشلاشنى يېنىدىكىلەردىن كۈتۈش ياكى گەپ تاپالماسلىق قاتارلىقلار پىروگگىراممىغا بىر خىل دىمىق تۈس بېرىپ قويغان .
بۇنداق ھالەت مەنچە تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەبدىن بولغان .
بىرى:تازا تەبئىي بولالماسلىق يەنى پىروگگىراممىغا ۋە ئۆز ئارا بىر -بىرىگە تازا كۆنۈشۈپ بولالماسلىق .
يەنە بىرى:بولسا ئۇلاردىمۇ بىر خىل گەپنى نەق جايىغا كەلتۈرۈپ قىلالايدىغان ئىقتىدار ۋە شۇ نەق جايىغا كېلىدىغان قاملاشقان نەق سۆزلەرنىڭ كەملىكىدۇر .بۇ خىل سۆز نامراتلىقى پروگگىراممىنىڭ ئۈنۈمنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتكەن ھەم بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش پىروگگىراممللىرى بىلەن بولغان ئارلىقنى يىراقلىتىۋەتكەن ئەڭ ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، سۆز ،تىل بايلىقىنىڭ كەملىكى ماھىيەتتە تەپەككۇر ۋە نەزەرىيۋى بىلىمنىڭ كەملىكىدىندۇر . ھالبۇكى بىر پىروگگىراممىنى ئەڭ قىززىتىدىغان ئامىلمۇ دەل ئاشۇ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەپنى قانداق قىلىشى ، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، بىز ئويلاپ باقمىغان يەردىن سۆز ئېچىپ ئۇنۋېرسال بىلىمى ئارقىلق بىزنى قايىل قىلىشى شۇ ئارقىلىق بىزنى تېرەن پىكىرلىرى بىلەن سەنئەت ۋە باشقا جەھەتتىن مەلۇم بىلىمگە ئىگە قىلىشى ،قەلبىمىزدە بار ئەمما ئاغزىمىزدا ئىپادىليەلمىگەن گەپلەرنى ئىپادىلەپ چىقىپ بىزنى روھىي شادلىققا ئېرىشتىرىشتۇر . ئەگەر ئۇنداق بولماي ، پۈتكۈل پىروگگىرامما «ئۆزىڭىزنى تۇنۇشتۇرىۋېتىڭ ؟»،«سىز نېمە ئۈچۈن بۇ ناخشىنى ئېيتتىڭىز ؟»«بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟» دېگەندەك ئاتام ئېيىتقان بايىقى سوئاللار ۋە بېرىلگەن كالتە جاۋاب بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ، پىروگگىرامما ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاخىرىدا ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئەسلا يېتەلمەيدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:ئەدەبىيات -سەنئەت ئۇنۋېرساللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك پەن .شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇلانغۇچى قانچە كۆپ نەزەرىيۋى بىلىمگە ، ئونۋېرسال ساپاغا ئىگە بولسا ئۇنىڭ ئۆز كۆزلىگەن پەللىگە شۇنچە تېز يىتىپ ، يۈكسىلىشىمۇ شۇنچە تېز ۋە پۇختا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك بىكار ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇشنى قولدىن بەرمەيدىغان ،يىلىغا 30 نەچچە كىتاب ئوقۇيدىغان مايكول جېكسۇن سەنئەت ساھەسىدە ئەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا قىتئە ، ئىرق ، مىللەت ئايرىماي كەلگەن ھۆرمەت ۋە سۆيگۈلەرگە مۇشەررەپ بولالىغان.يۇقىرقىلار مېنىڭ ئىككى ساننى كۆرگەندىن كېيىن ھېس قىلغانلىرىم ،بەلكى مەن بايقىمىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق بولىشى مۇمكىن،باشقا كەمچىلىك ۋە ئارتۇقچىلقىلار ھەركىمنىڭ خاس پىكرى ۋە كۆز قاراشلىرى ئارقىلىق تېخمۇ تۇلۇقلىنىشى مۇمكىن
لۇشۇن ئەپەندى ياش نوتىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۈچلۈك تەنقىدلەر بىلەن ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى يۇمران مايسىنىڭ ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇشقا ئوخشاتقان ئىدى . ئەلۋەتتە مېنىڭ مەقسىدىم «يېپەك يولى ساداسى »دىن ئىبارەت بۇ يۇمران مايسا ئۈستىدە ئات چاپتۇرۇپ ئۇنى ۋەيران قىلىش ئەمەس ،بەلكى،ئۆزەمنىڭ ئۇرۇنلۇق دەپ قارىغان پىكىرلىرىم ئارقىلىق ئۇنى تۈزىتىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ، ئۇنىڭ يېپەك يولىدەك ئۇزۇن داۋاملىششى ،تېخمۇ مۇكەممەلىششى ،ئاخىرىدا سەنئىتىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن .