ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد "مېنىڭ ھاياتىم" پىروگراممىسىدا
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى سەييارىلەرگە ئوخشاتساق، بىر قىسىم ئادەملەر ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كىشىلەرگە قۇياشتەك يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ؛ يەنە بەزى ئادەملەر ھاياتىنى ئايدەك ئۆتكۈزۈپ قاراڭغۇدا قالغانلارغا مەشئەل بولۇپ يانسا يەنە بىر قىسىم ئادەملەر ھاياتىنى يۇلتۇزدەك ئۆتكۈزۈپ پەقەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا ئىپادىلەپ تۇرىدۇ. "مېنىڭ ھاياتىم" پىروگراممىسى شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئوقۇرمەنلەرنى ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە كۇتۇبخانىمىزنىڭ كىتاب ئارىيەتكە بېرىش مۇلازىمەت كارتىلىرىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىدىدە ئورۇنلاشتۇرىدىغان سۆھبەت پىروگراممىسى بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە: 1-تۇنجى قېتىملىق سانىغا تەكلىپ قىلىندىغان مەشھۇر زات: ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد (غازى ئەھمەد قەشقەر شەھرىدىكى مەشھۇر قازى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى (ھازىر پەخرىي رەئىسى)، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقات يۈرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى)
2-ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 8:30 دا
3- رىياسەتچى: "بىر كىتاب بىر ئالەم" پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات مۇئەللىم
4- ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (ئۈرۈمچى يەنئەن يولى، رۇيدا دۇنيا سودا مەركىزى 12-قەۋەت)
5- تىزىملىتىش ھەققى: ھەقسىز، بىراق، كۇتۇبخانىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، كۈتۈبخانىمىز تەسىس قىلغان، يىللىق كىتاب ئارىيەتكە بېرىش مۇلازىمەت ھەققى 49 يۈەندىن 980 يۈئەنگىچە بولغان كارتىلىرىمىزنىڭ خالىغان بىرىنى ئىختىيارى ھالدا ئېلىپ قويۇشىڭىزنى ۋە ئورۇن چەكلىك بولغاچقا ئالدىن تىزىملىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
6- ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 0991-2556408
|