جان بالامنى بۇلىما ئاكا
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى
ئاكا دەيمۇ سېنى مەن ئۇكام ، يېشىڭ بەلكىم كىچىكتۇر كىچىك . لېكىن بالام قالسىلا ئامان ، ئاكام بولساڭ رازىمەن ئىتتىك .
مىڭبىر جاپا بولدى بىزلەرگە ، بالا بولدى ئاشۇ كىچىك جان . ھەر تىنىقتا بالام دەپ ئۆتۈپ ، ھەر ئاغرىسا يۈرەك ئىدى قان .
ھېرىپ قالساق كىرسەك ئىشىكتىن ، ئېغىر كەلسە ھايات ،سەپەرلەر ، بالا راھەت ،بالا تەسەللى ، بىلىنمەيدۇ جاپا ،خەتەرلەر .
ھەر قىلىقى بالا دىگەننىڭ ، جان كىرگۈزەر ئاتا -ئانىغا . ئۇ بولمىسا يۈرەكمۇ يېرىم ، قۇرۇمايدۇ كۆزدىنمۇ يىغا .
ئېلىپ كەتتىڭ تۇيدۇرماي ئۇكام ، ئاشۇ سەبى تەلمۈرگەن جاننى . جاننى ئەمەس بۇلاپ جاھاننى ، ئاڭلىدىڭمۇ نالە يىغامنى ؟
ئاشۇ بالا سەن ئۈچۈن پۇلدۇر ، لېكىن ئويلا پۇلۇڭمۇ تۈگەر ، سەن ئادەمغۇ ئادەم قىلىقى ، قىلساڭ سەندە بايلىقمۇ پۈتەر.
قارا ھالال پۇللار تاپقانغا ، ئۇزاپ ياشاپ كەلمەكتە ئەنە . تېرىشقانغا كىلەر بايلىقمۇ ، ئويلاپ كۆرگىن قايتىلاپ يەنە .
داداڭ سېنى باققانغۇ شۇنداق ، ئاناڭ سېنى باققانغۇ شۇنداق. يۈرەك يېرىپ چىقسا گەر بالاڭ ، باقارسەنغۇ سەنمۇ مۇشۇنداق .
ئاكا دېسەم مەيلى مەن سېنى ، ئىنساپ قىلغىن بىدىك ئاكىلار . بالا يۈرەك ئاتا - ئاتا ئانىغا ، ئۆسۈۋالسۇن سەبى غۇنچىلار .
چاڭچۈن
(بۈگۈن يەنى 8-نويابىر )
|