- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2115
- نادىر
- 0
- يازما
- 118
ئۆسۈش
  3.83%
|
مېنى ئويلاندۇرغان نەرسە شۇ: رونالدو پارىژغا كوماندىروپكىغا كەلگەن ئەمەس، بىرەر جامائەت فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن مىسيونېرلىككە كەلگەنمۇ ئەمەس، پۇتبول ئوينىغىنى كەلگەن؛ ئەكىلىپ ئويناتقىنى سۆيگىنى ياكى ئاشنىسى ئەمەس، بىر تۇققان قېرىنداشلىرى؛ پۇت ئۆزىنىڭ، پۇل ئۆزىنىڭ، يانچۇقىدىكى پۇلى ئازايسىدۇ، كۆپەيسىدۇ، قۇرۇغدالسىدۇ، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزى ۋە قېرىنداشلىرىغا چېتىشلىق؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، رونالدو ئۆز خەلقىغە ئارتۇق خەجلەپ قويغان پۇلىنىڭ ھېسابىنى بەرمەكتە، بەرگەندىمۇ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ. ئەگەر بۇ بىر ئىجابىي ئەھۋال دېيىلسە، بۇنى بىر مەدەنىيەتنىڭ مېۋىسى دەيمىزمۇ، ساغلام بىر تۈزۈم ياكى تۈزۈلمىنىڭ نەتىجىسى دەيمىزمۇ، بۇ ھەقتە توختالغۇم يوق؛ پەقەتلا ئەينى چاغدىكى ھېسسىياتىمنى بايان قىلغۇم بار: ھەيرانە-ھەس بولدۇم، ئۇگىلاندىم، پۇچىلاندىم.
چولپانلار يانچۇقىدىكىنى ئەمەس، ئەمەلدارلار غەزىنىدىكىنى چېچىۋەتسىمۇ، سورىۋەتسىمۇ ھېچ نېمە دېيىلمەيدىغان جەمئىيەتتىن كەلگەن بىر بەندە، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئويلانماي تۇرالامدۇ؟!
پۇقرالىرى ئائىلىسىنىڭ بىر كۈنلۈك روزىغارى ئۈچۈن كۈن بويى تەرلەپ تەپچىرەۋاتقان، ئەمما خادىملىرى يىغىن-مۇراسىم-قۇرۇلتايلىرىدا تېخى چوكا تەگمىگەن تائاملىرىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈۋېتىۋاتقان جەمئىيەتتىن كەلگەن بىر ئادەم بالىسى، بۇ ھېساب-سوراش -ھېساب بېرىشلەرگە ھەيران بولماي قالامدۇ؟!
ئۆزىنىڭ شەخسىي بايلىقىنى بۇزۇپ چاچسىغۇ مەيلى، بىر كىشىلىك ھوقۇق( ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتمەيدىغان) ئۈچۈن پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ بايلىقىنى سېتىپ، تەۋەرۈكلىرىنى بۇزۇپ ياشاۋاتقانلار كوچىلاردا ئامان-ئېسەن ياشاۋاتقان بىر جەمئىيەتتىن كەلگەن ئىنسان ئۇرۇقى بۇ ۋەزىيەتتە " ھەي توۋا!" دېمەي تۇرالامدۇ؟!
رەھمەت |
|