- تىزىملاتقان
- 2014-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1213
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
  21.3%
|
«تەڭرىتاغ ئالىمى» ھەققىدە سۆز بولۇپ قاپتۇ.
زۇلپىقار مۇئەللەمگە «تەڭرىتاغ ئالىمى» لىق شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم 2013-يىلى بەرگەن. «تەڭرىتاغ ئالىمى» ئىلمىي ئۇنۋان ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردە ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇپ ۋەتەننىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇچىلار ۋە ئۆز كەسپىدە چوڭقۇر ئىلىم سەۋىيىسى ھاسىل قىلغانلار ئىچىدىكى ئەڭ غوللۇق زىيالىيلارغا بېرىدىغان پەخرىي نامدۇر. زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدىكى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز «تەڭرىتاغ ئالىمى» ئىشخانىسى دېگەن تاختىنى كۆرىسىز. ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم مۇئەللىمگە تارقاتقان «تەڭرىتاغ ئالىمى» لىق شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى كۆرىسىز. خالىغانلار بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلسە بولىدۇ.
زۇلپىقار مۇئەللىم ئۆزىنى ئۆزى تەڭرىتاغ ئالىمى دەۋەلغان ئەمەس. ۋە ياكى ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇرلىرى يىغىلىپ مۇئەللىمگە دوپپا كەيگۈزۈپ، تەڭرىتاغ ئالىمى دەپ ئاتىۋالغانمۇ ئەمەس.
بەلكى بۇ نامنى ئۇنىڭغا دۆلەت بەرگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىپەت بۆشۈكى بولغان شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى بەرگەن. بۇ ئەنە شۇنداق قابىلىيەت ئىگىلىرىگە بېرىلىپ، ئىزگۈ دىللارغا خۇشاللىق بېغىشلىسا؛ نانقېپىلارنى، كۆرەلمەسلەرنى ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىپ يۈرەك كېسىلى قىلىۋېتىدىغان خاسىيەتلىك نامدۇر. |
|