قايسى بىر ساۋاقدىشىم،
قۇرۇۋاپتىكەن ساۋاقداشلار توپىنى.
سۆزلەپ كەتكەن ئىدى ھەممە بەس-بەستە.
توپ قۇرۇلغان دەسلىۋىدە.
ۋاقىت ئايرىماي، سورۇن تاللىماي،
تاڭ سەھەردە،
چۈشتە، كەچتە ھەتتا يىرىم كىچىدە.
بىراق،
ئوخشاپ قالدى بۇ توپ يىقىندا،
ئۈششۈك چۈشكەن گۈلزارلىق باققا.
چۈنكى،
ھىچكىم سۆزلەي دىمەيدۇ.
چاقچاق قىلسام ياكى كۈلەي دىمەيدۇ.
بەئەينى ئوخشاپ قالدى،
بۇ ئالەمدىن غايىپ بوپ كەتكەن،
رەھمەتلىك رەسسام مەمەتجان چۈشكەن،
مالايسىيانىڭ ئايرۇپىلانىغا.
ئويلىدىم:
«باردۇر ئۇلارنىڭ تەڭقىسلىغى»
لىكىن،
چىداپ بولالمايدىكەنمەن،
يىقىنلىرىمنىڭ جىمجىتلىقىغا.
ئەنسىرەپ قالىدىكەنمەن،
«نىمە بولۇۋاتقاندۇ بۇلارغا»
ھەي،
مىنىڭمۇ لاغايلاپ يۈرگەن ۋاقتىم يوق،
ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن ئەمدى.
سۇغا تاش ئىتىپ سىناپ باققۇم كەلدى،
شۇنىڭ بىلەن قوسىغىمغا جىن كىرىپ،
توپنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم.
«88-2 مۇزلار» توپىغا.
ۋە دىدىم:
«ئىسىت،
يۇرتقا كەلگەن 10 كۈنلۈك.
كۆرۈشەي دىمىدىڭلار،
كىتىمەن ئەتە ئۈرۈمچىدىن بوستونغا»
شۇئان،
سالاملار ياغدى كەينى -كەينىدىن،
-چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟
-چۈشۈڭىزدە قايتىپ كەلدىڭىز؟
-قاراپ ئولتۇردۇققۇ يولىڭىزغا.
..............
ۋاي سىلەرگە رەھمەت !
پەرىشتىدەك قىز ساۋاقداشلىرىم.
پەنت ئىشلىتىپ قويدۇمغۇ مانا،
تارتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۈندىدارغا.
سايراپ تۇرۇڭلار-مەۋجۇتلۇق بار،
قايناپ تۇرۇڭلار-ئۈمىت بار.
ماۋۇ سۆزۈمنى كۆرسەڭ سادىقجان،
گۈلزاردىن رۇخسەت سوراپ يۈرمەي،
قارا دىڭىز بويىدا كۈنگە قاقلىنىۋەرمەي،
مۆرەپ قوي، كالا بوپ قالمايسەن.
سالام دەپ تۇر ئۇنتۇلۇپ قالمايسەن.
ھەي يوقاپ كەتكەن كىرەم گايىت،
بولدى سەن 60 نومۇرغىمۇ يارىمىدىڭ،
قانچە سەھەر قوپساڭمۇ...
دىسەم گەپ تولا، دىمەيلا قوياي،
ئەمدى مۇشۇنچىلىك دىسەم بولا