- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
  0%
|
شانىياز نام كارتىسىنىڭ قەستەن ئۇچۇرۋېتىلگەنلىكىنى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ كۆرگەن بولسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدى. نىمانچە قىلىدىغاندۇ . خۇددى مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يېتىۋالىدىغاندەك . ئشىقىلىپ قاسىم ئاداشنىڭ بىر باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىپ بەردىم .ئەللەر يەپ ئىچىپ چىچىۋالسا بۇنى بەخىت ھىساپلايدىكەن .مانا مەن ئازراق جاپا تارتساممۇ ئاغىنەم ئۇچۇن ئاغىنەمنىڭ تويى ئۇچۇن ئازراق ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىمگە ئىچ ئىچىمدىن شاتلىنىۋاتىمەن . شانىيازئىچ ئىچىدىن پەيدا بولىۋاتقان خوشاللىقى ئىچىگە پاتماي چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتتى . بۇ ئۇھنى ئاڭلىغان تەكەخاننىڭ چىراي تاتىرىپ كەتتى .
شانىياز ماشىنىنى تۆت كوچا مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى ئابتۇبۇس بىكىتىدە توختاتتى . خاتۇنجان سەن شېرىن بۇلاققا كىرىپ نان پان فىرىما ، سۇت دىگەنلەرنى ئېلىپ چىق ، ھېلقى ئۇچ قىرلىق پوتۇلكىدىكى ئانار شەربىتى بولسا ئىككىنى ئالغاچ چىق ، ئىچىپ ماۋۇ يۇرەكنى ياشارتاينىڭ .
ياق ئىككىمىز تەڭ كىرىمىز ، ماشىنىدا يالغۇز قېلىپ قالايماقان خىيال قىلىشقىمۇ رۇخسەت يوق .ماشىنىنى موشۇ يول ياقىسدا قويۇپ قويۇپما ، ئالدىنقى ئايدا ماىشنىنى يول ياقىسىدا توختۇتۇپ قويۇپ 200 كويغا ياسىغىنىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسەن . قاتناش ساقچىسى دىگەننىڭ يۇزى كۆت ، پۇلدىن باشقىسىنى تۇنىمايدۇ .ۋەزىپىسى بار ئۇ خەقنىڭ ئايدا ئون يىگىرمە تۇمەن تاپىدىغان . -بۇ كەچتە نەدىكى قاتناش ساقچىسى بولسۇن .چۇشۇڭ دەيمەن تەڭ كىرىمىز .بولدى خاتۇن سەن كىرگىنە ، ماشىنىمىزنى ئىلىۋېلىپ ئەپ كەتسە ئۆيگە پىيادە قايتىدىغان ئىش چىقمىسۇن . -ئەمىسە پۇل بىرىڭ ،مېنىڭ يېنىمدا پارچە پۇل يوق ، شانىياز يانچۇقىدىن ھەمياننى ئېلىپلا تەكەخانغا تۇتقۇزدى . |
|