- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5451
- نادىر
- 0
- يازما
- 338
ئۆسۈش
  9.02%
|
جۇبىسنىڭ «تىنماي قوغلاشقان بايلىق ئادەمنى ئاچكۆز ۋە مەنىسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. خۇددى مېنىڭ ھاياتلىق كارتىنامدەك» دېگەن سۆزى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن.
ئويلاپ باقساق، ئەتراپىمىزدىكى بىرقىسىم دوست- يارانلىرىمىز، تونۇش- بىلىشلىرىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئايلاپ- يىللاپ كۆرۈشەلمەيمىز. سەۋەبى نېمە؟ سەۋەبى يا بىز ئالدىراش يا ئۇ ئالدىراش، بىر كۈنلىرى بىز ھاياتلا بولساق، شۇلاردىن بېرى توساتتىن بەختسىزلىككە ئۇچراپ، قازا قىلىپ كەتسە، ئىچىمىزدە «ۋاي ئىسىت، ئۇنىڭ بىلەن بىر مۇڭدىشىۋالغان بولسامچۇ»، «ھەي، ئۇ ئۆمرىدە تىنىمسىز تىپىرلاپ، جاپا چېكىپ، ئاخىرى راھىتىنى كۆرەلمەي (ياكى كۆرىدىغان چاغدا) توساتتىن كېتىپ قالدى- دە، ھەي!» دەپ ھەسرەت چېكىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ نەتىجىسى دەل ئەشۇ تىنىمسىز پۇل- بايلىق ئۈچۈن ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتقا ئۆزىمىزمۇ بىلىپ- بىلمەي بەرگەن باھايىمىز ۋە ئۆكىنىشىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس..... |
|